پروفېسسور ۋاڭ يى: خىتايدا يېزىق بىخەتەرلىكى ئىدارىسى دېگەن يېڭى ئورگان قۇرۇلدى

0:00 / 0:00

ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 'خىتايغا ئەركىنلىك مۇنازىرە مۇنبىرى' دېگەن تەشكىلاتنىڭ 2006 ‏- يىللىق يىغىنى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئېچىلغان. بۇ يىغىننى ئامېرىكىدىكى خادسىن ئىنستېتوتى بىلەن جۇڭگو قانۇن ۋە دىن ئىنستېتوتى بىرلىكتە ئاچقان. بۇ قېتىمقى مۇنازىرە يىغىنى خىتايدا خەلقنىڭ ھازىرقى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى ئەھۋالى ۋە بۇنىڭغا دائىر قانۇن مەسىلىلىرىنى مۇھىم نوقتا قىلغان.

بىر دۆلەتتە ئىقتىساد تەرەققى قىلسىلا ھېساب ئەمەس

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى چى جۈنۋېن ئەپەندى يىغىندا "كىشىلىك ھوقۇق دېگەن ئادەملەرنىڭ يېمەك -ئىچمەك، تۇرالغۇ-جاي، كېيىم -كېچەككە ئىگە بولۇش ھوقۇقىنىلا ئەمەس، بەلكى ئادەملەرنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزى تاللاش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى ھەققىدە قارار چىقىرىش ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.

- خىتاينىڭ بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇنقى ياكى 15 يىل بۇرۇنقى ئەھۋالى بىلەن ھازىرقى ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ئېنىقكى، - دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ خىتاينى ياخشى چۈشىنىدىغان بۇ ئەرباب، ‏- خىتايدا ئىقتىساد تىز تەرەققى قىلغان، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسكەن. دەل مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا شۇنى كۆرسىتىش كېرەككى، بىر دۆلەتتە، خۇددى پرېزىدېنت بۇش ئېيتقاندەك، ئىقتىساد تەرەققى قىلسىلا ھېساب ئەمەس. خىتايدا ھازىر ئائىلىۋى دىنى تەشكىلاتلار 'قانۇنسىز' دېگەن نام بىلەن باستۇرۇلىۋاتىدۇ. خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا كەلگەندە پرېزىدېنت بۇش بۇ مەسىلىنى، خۇددى بۇلتۇر 11 ‏- ئايدا ۋە 12 ‏- ئايدا تەكىتلىگەندەك يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. ئامېرىكا ھازىر خىتايدىكى دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسىگە جىددىي قاراۋاتىدۇ.

دىنىي ئەركىنلىك بولمىغان دۆلەتتە ئەخلاقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس

خىتايدىكى مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچى، ھۆكۈمەت بىلەن سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغان ئەرباب يۈجې ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خىتايدا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان زىيالىيلار، ئادۋوكاتلار، سەنئەتكارلار مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. خەلقنىڭ دېموكراتىيە ئۈچۈن ۋاقىرىغان ئاۋازى كوممۇنىست ھۆكۈمرانلىرىغا قاتتىق بېسىم شەكىلللەندۈرمەكتە. گەرچە خۇ جىنتاۋ تەختكە چىققاندىن كېيىن خەلقنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ئائىلىۋىي دىنى تەشكىلاتلار ناھايىتى تىز ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. يۈجې ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا خەلقنىڭ دىنى ئېتىقاد ئارزۇسى ھۆكۈمەتنىڭ بېرىش ياكى بەرمەسلىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

دېھقانلار ئۈچۈن سۆز قىلىپ كېلىۋاتقان، قانۇنشۇناسلىق بويىچە دوكتور لى بوگۇاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دىن بىلەن ئەخلاقنى بىرى-بىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. دىنىي ئەركىنلىك بولمىغان دۆلەتتە ئەخلاقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.

ئامېرىكىدىكى خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى دېگەن تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى فۇ شىچىي ئەپەندى 'بىرنىڭ تەكشۈرۈشىمىزچە، بۇلتۇر 2 ‏- ئايدىن 12 ‏- ئايغىچە 20 ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايوندا 1317 نەپەر ئائىلىۋىي دىنى تەشكىلات رەھبىرى قولغا ئېلىندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 17 نەپەر چەتئەللىك دىندار بار، بۇنىڭ 11 ئى ئامېرىكىلىق. ھازىر خېنەننىڭ شىبالىخې مەھەللىسىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىدا 36 نەپەر ئايال كاتۇلىك مۇرىتىنىڭ بارلىقىمۇ ئېنىق.

سىچۇئەن ئۆلكىسىدىكى چېڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناس پروفېسسورى، تور يازغۇچىسى ۋاڭ يى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خىتايدا پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى ھەدەپ دەپسەندە قىلىنماقتا. خەلقنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان تەشۋىقات مىنىستىرلىقى دېگەنلەردىن باشقا، يېقىندا يەنە 'يېزىق بىخەتەرلىك ئىدارىسى' دېگەن بىر يېڭى ئورگان قۇرۇلدى. بۇ ئورگان ھازىر مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە خەلقنىڭ يېزىق ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. (ۋەلى)