ئۇچۇر دەۋرىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى يىغىنى، ئامېرىكىنىڭ كونېتىكېت شىتاتىدا ئېچىلدى
2004.11.05
5 -ئۆكتەبىر كۈنى، ئامېرىكىنىڭ كونېتىكېت شىتاتىنىڭ مەركىزى خارتفورد شەھىرىدە " ئۇچۇر دەۋرىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى"ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

21 -ئەسىر خىتاي فوندى جەمىيىتى، خەلقئارالىق تىبەت ھەركىرى ۋە ترىنتي ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن "ئۇچۇر دەۋرىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى" ناملىق يىغىن ئامېرىكىنىڭ كونېتىكېت شىتاتىنىڭ خارتفورد شەھىرىدە ئېچىلدى.
ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان مەزكۇر يىغىنغا چەتئەللەردىكى خىتاي، ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەكىللىرى ۋە شۇنىڭدەك خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىدىن ۋە تىبەتتىن كەلگەن ۋەكىللەردىن بولۇپ، 70 يېقىن كىشى يىغىنغا قاتناشتى.
21 -ئەسىر خىتاي فوندى جەمىيىتىنىڭ دېرىكتورى سوڭ يوڭيى يىغىندا سۆز قىلدى. سوڭ يوڭيى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
--- مەزكۈر جەمىيەتنىڭ، بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى نېمە؟
--- بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىمىز، ھەر قايسى مىللەتلەر يەنى مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن، تىبەتلەر بولسۇن، خىتايلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياش بىر ئەۋلات كىشىلەرنى، ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى پائالىيەتچىلەرنى ۋە ياكى خىتاي مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىلارنى ھەمدە يەنە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى بىر ئارىغا توپلاپ، 21 -ئەسىردە يۈز بەرگەن يېڭى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا ئۇيۇشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئىنتېرنېت ساھەسىنىڭ بۈگۈنكى رولى شۇنىڭدەك ئىنتېرنېتنىڭ بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە كۆرسەتكەن تەسىرى دىگەن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسەت ھىساپلىنىدۇ.
--- يىغىننىڭ تېمىسىدىنمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ، سىلەر مەزكۈر يىغىندا ئاساسلىق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەنسىلەر، ئۇنداق بولسا سىز بىزگە ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارىشىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
--- بىزنىڭ بۇ قېتىم ئۆتكۈزگەن يىغىنىمىز ئىلگىرىكى قېتىملاردا مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدە ئېلىپ بارغان مۇزاكىرلىرىمىزگە ئوخشىمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بىز بۇرۇن تارىخنى كۆپ سۆزلىگەن، مەسىلەن تىبەت ۋە تىبەتنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تىبەتنىڭ مۇستەقىل بولۇش مەسىلىلىرى ھەمدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەمدە ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسى قاتارلىقلار ئىدى. مېنىڭچە بۇ مەسىللەرنى مۇزاكىرە قىلىش كېرەكمۇ؟ مۇزاكىرە قىلىشقا بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدۇ، بىراق بىز 21 - ئەسىردە ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە نېمە؟ يەنى ئۇچۇر دەۋرى ۋە ئېنتېرنەت ساھەسىدىن قانداق پايدىلىنىش، ئۇنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قانداق پايدىلىنىش ۋە ئىشلىتىش كېرەك دىگەن مەسىلىدە ئۆز -ئارا مەدەنىي يوسۇندا پىكىر - ئالماشتۇرۇش، ئۆز -ئارا ئىش ۋە بىر - بىرىمىزگە كۆيۈنۈشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن، بۇ بىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم، ئىراقتا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى مەسىلىلەر ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىقتىن تا ھازىرغىچە ئىراقتىكى قالايمىقانچىلىق بېسىقمىدى. چەتئەللەردە بىزگە شارائىت بار، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز 21 - ئەسىردە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىمىز ئەلۋەتتە ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئېلىپ قەبىھ سىياسىتىگە قارىتا جەڭ ئېلان قىلىش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت.
--- سىزچە ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ؟
--- مەن سىياسەتچى ئەمەس، بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە مۇكەممەل بىر نەرسە دىيەلمەيمەن. مېنىڭچە 21 - ئەسىردەك يېڭى بىر دەۋىردە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ھەممە ئىشنى سىياسەت يولى بىلەن ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ دەپ قارايمەن، يەنى مەسىلىنى ئۆز -ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆز - ئارا چۈشۈنۈش يولى بىلەن ھەل قىلىش. مېنىڭ ھەربىي كۈچۈم بار، قوشۇنۇم بار مەن كۈچلۈك دەپ زوراۋانلىق يولى بىلەن ۋە ياكى بېسىم ئىشلىتىپ، بويسۇندۇرۇش ۋاستىلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى يۇقۇردا تەكىتلىگەندەك دوستانە يول بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنى تاللاش. مەن ئويلايمەن 20 - ئەسىرنىڭ تارىخى بۇنى ئىسپاتلىدى ، 21 - ئەسىر شۇنى ئىسپاتلىدىكى زورلۇق بىلەن مەسىلىنى ھەرگىز ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
يىغىنغا قاتناشقان خىتاي زىيالىلىرىدىن خې چىڭليەن، خىتاي ھۆكۈمىئىتىنىڭ ئىنتېرنەتنى قامال قىلىش ھەركىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت نەشىريات ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىنتېرنەت ساھەسىدىمۇ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقىنى پاكىلار بىلەن ئىسپاتلاپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىئىتىنىڭ ئاخپارات ساھەسىگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ياخشىلىنىدۇ دىگەن قاراشنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى "11 - سېنتەبىردىن كېيىن تېخىمۇ يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى" دىگەن تېمىدا مەخسۇس دوكلات تەييارلىغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى بۇ دوكلاتنى ئوتتۇرغا قويماقچى. (ئەقىدە)