نيۇ يوركتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى


2004.11.16

نيۇ يوركتا ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى كۈنتەرتىپىگە، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا تەيۋەن، خوڭكوڭ ، كانادا ، ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىيە ، ياۋروپا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن سىياسى پائالىيەتچىلەر، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە داۋاملىق مۇنازىرە ئېلىپ باردى.

دېموكراتىيە ھەممىنى ھەل قىلالامدۇ؟

411155058836--ss.jpg

كۈنتەرتىپ بويىچە 1989 - يىلدىكى تىئەن ئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان شياڭ شياۋجى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ئۇ مۇنداق دېدى: " مەن بىر خەن مىللىتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن نومۇس قىلىمەن ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەپۇ سورايمەن." بىراق شياڭ ڭياۋجى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ " مېنىڭچە بۇ يەردىكى بىرىنچى مەسىلە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر. بۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇق ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دىسەك بولىدۇ. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش مەسىلىسى بولسا ئىككىنچى مەسىلە" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا خىتايلار ئىچىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شياڭ شياۋجى، دېموكراتىيىلىشىشنىڭ ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ " خىتايدا دېموكراتىيە بولمىسا مىللى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىنتايىن قىيىن ھەتتا مۈمكىن ئەمەس. دېموكراتىيە پۈتۈن مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. دېموكراتىيىنىڭ كېلىشى بىلەن مىللى مەسىلە يوقالدى دېگىلى بولمايدۇ" دېدى. خىتاي دېموكراتىيىگە كۆچكەن تەقدىردە، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق يولدا مېڭىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن شياڭ شياۋجى، مەسىلىنىڭ نېگىزى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق يولنى تاللايدىغانلىقىدا، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، " مىللى رايونلاردىكى خەنزۇلارنىڭ خېلى كۆپچىلىكى، مىللى رايونلارنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىگە سوغۇققانلىق ۋە باراۋەرلىك نۇقتى نەزىرى بويىچە مۇئامىلە قىلىش روھىغا ئىگە ئەمەس" دەپ ئەسكەرتتى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تۇتقان سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتى

ئامېرىكا يالە ئۇنىۋەرسىتېتىنىڭ شەرق تىللىرى لىكتورى دوكتور قاھار بارات، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشى ۋە مىللىي مەدىنىيەت مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختۇلۇپ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە مەدىنىيەت ئاسسىمىلاتسىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ "ئۆتمۇشتە مانجۇ خانلىقى ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل توسالغۇسىغا ئۇچرىغان زامانىۋى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى، زامانىۋى خىتاي مىللىي مائارىپىدىن بۇرۇن باشلاندى" دېدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى ئومۇمى يۈزلۈك يەكلەشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن قاھار بارات، " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىش سىياسىتى، كەلگۈسىدە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن"، دەپ كۆرسەتتى. قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: خىتاينىڭ يېقىنقى زامان سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىدە كەينىدە قېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى، خىتايلارنىڭ باشقا مەدىنىيەتلەرنى چەتكە قېقىش روھى ھالىتىدۇر."

قاھار بارات ، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى تولۇقلاش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەينەكلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىكى، خىتايدا ئۇنىڭ بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان بىر مەدىنىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويۇلمىغانلىقىدا "، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ خىتاي شوۋېنىزىمىنى كۈچەيتىپ، فاشىزىمنىڭ باش كۆتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

11 – سېنتەبىردىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەت

uaa.jpg

يىغىندا "قىرغىزىستان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى" نىڭ رەئىسى تۇرسۇن ئىسلام، "شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق ۋە تېررورچىلىق" دىگەن تېمىدا دوكلات بەردى. ئۇ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە زەربە بېرىش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە توختالدى شۇنداقلا كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن يۆتكەۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. خىتاينىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ئەۋجىگە چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن تۇرسۇن ئىسلام، خىتايلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ كېلىش يولىدا، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

فېدېراتسىيە يولى

كانادالىق خىتاي مۇتەخەسسىس دۇ جىفۇ، "كانادا فېدىراتسىيىسىنىڭ تەجىربىسى ۋە خىتاينىڭ كېلەچىكى" دىگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كانادانىڭ كيۇبېك مودىلى بويىچە ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇمۇنداق دەيدۇ: "ئەمىلىي تەجىربىلەردىن قارىغاندا، بىز كانادادىن بەزى ئىنتايىن مۇھىم پرىنسىپال خاراكتىرلىك ئۇسۇللارنى ئۆرنەك قىلىپ ئالالايمىز. " ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ چېقىلغىلى بولمايدىغان مۇقەددەس نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن دۇ جىفۇ مۇنداق دەيدۇ: " خىتاي كومپارتىيىسى ئىگىلىك ھوقۇقنى دەخلى- تەرۇزسىز، بۆلۈنمەيدىغان مۇقەددەس نەرسە دەپ قارايدۇ. بىراق كانادا بىلەن ئامېرىكىنىڭ تەجىربىسىدىن قارىغاندا، ئىگىلىك ھوقۇق دەخلى- تەرۇزسىز، چېقىلغىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس. ئەگەر ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلساق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىمۇ ھەل بولغان بولىدۇ."

دۇ جىفۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا مودىلى بويىچە يەرلىكلەر شۇ جايدىكى مال - مۈلۈك يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىققا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. فېدىرال ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى دۆلەت مۇداپىئەسى، تاشقى ئىشلار، تاشقى سودا ۋە ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن چەكلىنىدۇ.

خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسى

يىغىندا تەيۋەنلىك مۇتەخەسىس خوڭ جىشىڭ، " ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە بىر قانچە تەكلىپ" دىگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى: "ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھەرىكىتى دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. بىراق ھەممىمىز بىلىمىزكى ئۇيغۇرلار رايونىدا خىتايلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ، خىتايلارنى بۇ يەردىن قوغلىۋېتىمەن دىيىش ئەمەلىيەتتە مۈمكىن ئەمەس. ئەگەر ئۇيغۇرلارنى مەقسىتى دۆلەت قۇرۇش بولسا بۇ يەردىكى خىتايلارنى قانداق قىلىدۇ ؟ مېنىڭچە ئۇيغۇر ھەرىكىتى بۇ مەسىلىنى چوڭقۇر ئويلىشىش كېرەك.

خوڭ جىشىڭ يەنە مۇنداق دىدى: "مېنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش يولىغا مېڭىشى توغرا بولامدىكىن دەيمەن" ئۇ، يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر ئۇيغۇرلار خىتايلار ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇشنى ئۆزىنىڭ مەقسىدى قىلسا، بىر مىليارد 3 يۈز مىليون خەلق بىلەن قارشىلاشقان بولىدۇ. مېنىڭچە ئۇلار بۇنداق قىلماسلىقى، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ نىشانىنى خىتاي خەلقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان كوممۇنىستىك خىتايغا قارىتىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار مەيلى ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلسۇن ياكى مۇستەقىللىق يولىغا ماڭسۇن خىتاي خەلقى بىلەن دوست بولۇپ ، دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ."

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن "بېيجىڭ باھارى" زورنىلى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرتۇلغان بۇ قېتىمقى يىغىن ، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ كاپالىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.