0:00 / 0:00
تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ياۋرو ئاسىيا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى . يىغىنغا ياۋرو – ئاسىيا ھەرىكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر دۇگىن، خىتاينىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سوڭ ئەيگو قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
يىغىن ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنى تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى ئەزاسى دەپ تونۇتقان بىر گۇرۇپ ئوقۇغۇچىلار بۇ يىغىننىڭ ئىچىلىشىغا ۋە خىتاي ئەلچىسى سوڭ ئەيگوغا قارشى نامايىش قىلدى.
تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا بۇكسۇر ئەپەندى، خىتاي ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى.
يىغىن ھەققىدىكى تەپسىلى خەۋەرنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.