تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ياۋرو- ئاسىيا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2004.12.07
تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ياۋرو ئاسىيا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى . يىغىنغا ياۋرو – ئاسىيا ھەرىكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر دۇگىن، خىتاينىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سوڭ ئەيگو قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
يىغىن ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنى تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى ئەزاسى دەپ تونۇتقان بىر گۇرۇپ ئوقۇغۇچىلار بۇ يىغىننىڭ ئىچىلىشىغا ۋە خىتاي ئەلچىسى سوڭ ئەيگوغا قارشى نامايىش قىلدى.
تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا بۇكسۇر ئەپەندى، خىتاي ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى.
يىغىن ھەققىدىكى تەپسىلى خەۋەرنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
©
2004 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەنقەرەدە "تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى" تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلمەكتە
- شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ياۋرو-ئاسىيا رادىئو ۋە تېلېۋىزىيىسى قۇرۇلۇپ رەسمى تارقىتىشقا باشلىدى
- "تۇرك دۇنياسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى" ناملىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ۋە ئاممىۋى ئۆكتىچىلىكلەر" تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا نۇرى تۈركەل سۆز قىلدى
- خىتاي باش مىنىستىرى خۋاڭجۈنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە ئىنكاسلار
- خىتاي باش مىنىستىرى خۋاڭجۈنىڭ تۈركىيىدىكى زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن
- نيۇ يوركتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- ئامېرىكىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۇچۇر دەۋرىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى يىغىنى، ئامېرىكىنىڭ كونېتىكېت شىتاتىدا ئېچىلدى
- تۇركىيىدىكىلەرنىڭ ئامېرىكا سايلىمىدىن كېيىنكى ئىنكاسلىرى