خەلقئارا بىئو -خىمىيىلىك قوراللار تېررورچىلىقىغا قارشى تۇرۇش يىغىنى فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلدى
2005.03.02
ئىككى كۈن داۋاملاشقان تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا بىئو-خىمىيىلىك قوراللار تېررورچىلىقىغا قارشى تۇرۇش يىغىنى 3 -ئاينىڭ 1 -كۈنى، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى تۇرۇشلۇق فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلدى.
155 دۆلەتتىن كەلگەن 400 نەپەر مۇتەخەسسىس ۋە ساقچى ئەمەلدارلىرى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى.
فرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋىللېپىن ئەپەندى، مەزكۇر يىغىندا پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى ئورتاق ھەمكارلىشىپ، يېڭى ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى.
خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى- بىئو -خىمىيىلىك قوراللار تېررورچىلىقىنى، يېڭى ئەسىردە پۈتۈن يەر شارى دۇچ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتى دەپ قارايدۇ. خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، بىئو -خىمىيىلىك قوراللار نەزىرىيىسى، چېگرا ھالقىغان، مىللىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تېررورلۇق تەھدىتى بولۇپ، بۇ خىل ھەرىكەت مەيلى قەيەردە يۈز بېرىشىدىن قەتئى نەزەر پۈتۈن يەر شارىدا، ئۆزىنىڭ جىددى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىنتايىن سەلبىي بولغان تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ.
نۆۋەتتىكى ئاجىزلىق: بىئو -خىمىيىلىك قوراللار تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش
خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى رونالد ئەپەندى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : "دۇنيا خەلقى ئۈچۈن شۇنىڭدەك رايون ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ھېچقانداق بىر تەھدىت، بىئو -خىمىيىلىك قوراللار تەھدىتىدىن خەتەرلىك ھېسابلانمايدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە نۆۋەتتە بىئو -خىمىيىلىك قوراللار تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئاجىزلىقلىرىدىن بىرى ھىساپلانماقتا".
رونالد ئەپەندى يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:"بىئو -خىمىيىلىك قوراللار تېررورچىلىقى، ھەرگىز پەن - تېخنىكىلىق خىيال ئەمەس، بەلكى ئەمىلىي تەھدىت. تېررورلۇق تەشكىلات بازىسى، ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە بىئو - خىمىيىلىك قوراللارنى ياساش لاھىيىسىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە ، بۇ خىل قوراللارنى ئىشلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى".
فرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋىللېپىن ئەپەندى، يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى بىئو - خىمىيىلىك قوراللارغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۇجۇمغا قارىتا قايتۇرما زەربە بېرىشنىڭ بىردىن - بىر ئۈنۈملۈك چارىسى "خەلىقئارانىڭ ئورتاق ھەمكارلىشىشى" دەپ كۆرسەتتى.
ئۇچۇر-ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەك
ۋىللېپىن ئەپەندى يىغىن ئەھلىگە يەنە، ياۋرۇپا بىلەن پۈتۈن يەر شارىنىڭ تەرەققى قىلغان ئىنتېرنېت سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇچۇر ۋە مەلۇمات سانلىق ئامبىرى تەسىس قىلىشنى ، بۇ ئارقىلىق بىئو - خىمىيىلىك تەجرىبىخانا ۋە ئالدىن مەلۇمات بېرەلەيدىغان كۈزەتكۈچى سىستېما قۇرۇپ، سەزگۈر خىمىيىلىك ماددىلارنى ئوغرىلاش، سېتىش ھەمدە بۇ خىل ماددىلارنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئىش ھەرىكەتلەرنى چارلاش شۇنىڭدەك خىمىيىلىك ماددىلارنى ياسىغان گۇروھ ۋە شەخسلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر، بىئو -خىمىيىلىك تېرورچىلىقنىڭ باكتىرىيىدىن پايدىلىنىپ، باكتىرىيە بىلەن خىمىيىلىك ماددىلارنى بىر - بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ساقايماس كېسەللىك تارقىتىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك تېررورلۇق قىلمىشىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خەلقئارا جەمىيەتكە ئىنتايىن ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پارىژ مۇداپىئە تەتقىقات فوندىدىكى ماررېت قاتارلىق ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بىئو - خىمىيىلىك قوراللار، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش خاراكتېرلىك پارتلاتقۇچ ھۇجۇم ۋە باشقا تېررورلۇق ھەركەتلىرىدىن تامامەن پەرقلىق بولۇپ، ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، بىئو - خىمىيىلىك تېررورلۇق ھۇجۇمى ھامان بىر كۈنى يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن . نۆۋەتتە ھەر قايسى دۆلەت ساقچىلىرىنىڭ بىئو - خىمىيىلىك تېررورچىلىققا قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن تېخى يېتەرلىك تەييارلىقى يوق ئىكەن. (ئەقىدە)