خەلق ۋەكىللىرى يىغىن ئاچسا خەلقنى تۇتامدۇ؟


2005.03.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بېيجىڭدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىننىڭ بىرى بولغان مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ چوڭ يىغىنى 3 - چىسلا ئېچىلدى. يەنە بىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ چوڭ يىغىنى شەنبە كۈنى ئېچىلىدىكەن.

مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش رەئىسى جا چىڭلىن "ئىناق جەمىيەت قۇرۇش" نى تەكىتلىگەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىس جا چىڭلىن بۇ چوڭ يىغىندا خۇ جىنتاۋنىڭ "ئىناق جەمىيەت قۇرۇش" توغرىسىدىكى يوليورۇقىنى ياخشى ئۆگىنىشنى تەكىتلىگەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىياسى كېڭەش يىغىنىنى بىرىنجى قەدەمدە "دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى" ۋە خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ باشلىقى دوڭ جەنخۇانىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش مەسىلىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەسىلىگە يىغىنجاقلانغان. تەيۋەن تەرەپ خىتاينىڭ "دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى "تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىتىدۇ، بىز تەيۋەننىڭ تىنچلىقىنى ساقلايمىز" دېگەن. خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە رايون باشلىقى دوڭ جەنخۇا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، مەركىزى ھۆكۈمەت ئىچكى قىسىمدا ئاللىقاچان بىكىتىپ بولغان مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىق ۋەزىپىسىنى يىغىننىڭ ئاخىرىدا "سايلام" رەسمىيىتىنى ئۆتىگەندىن كېيىن ئېلان قىلىدىكەن

يىغىندا ئەمەلدارلارنىڭ دەۋاتقىنى بىلەن جەمىيەتتە خەلقنىڭ دەۋاتقىنى ئوخشىمايدۇ

جەمىيەتتە خەلق نېمە دەۋاتىدۇ؟ تۆۋەندە بىز بېيجىڭدىن نەخ مەيداندىن ئېلىنغان ئاۋازلارنى ئاڭلايلى. خەلق سارايىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەت كابىنىتىنىڭ دەرت ئەيتىپ كەلگۈچىلەرنى كۈتىۋېلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا دەرت ئېيتقىلى كەلگەن ئادەم ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنى تۇتىدىغان ساقچىلارمۇ شۇنچە كۆپ. مۇناسىۋەت بارغانسىرى جىددىلەشكەن. ساقچىلار بۇ ئەتراپقا بىر نەچچە يۈز دانە ساقچى ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرغان. دەر ت ئېيتقىلى كەلگەن خەلقنىڭ قولىدا قەغەزدىن باشقا نەرسە يوق، ئەمما ساقچىلارنىڭ قوراللىنىشى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار. شەرقى شىمالدىن كەلگەن بىر ئايال مۇنداق دېگەن : بۇيىل دەرت ئېيتقىلى كەلگەنلەر بەك كۆپ، ئۇلارنى تۇتىدىغان ساقچىلارمۇ ناھايىتى كۆپ. بۈگۈن دۆلەت كابىنىتىنىڭ ئالدىدا دەرت ئېيتقىلى كەلگەن ئادەم 2000 دىن ئاشىدۇ، بۇ جايدا 200 دىن ئارتۇق ساقچى ماشىنىسى تۇردى. بىرەر يۈز مېتىر يەردە بىر توپ ساقچى بار. خەلق بىلەن ساقچى ھازىر بىر- بىرىنى دۈشمەن دەپ بىلىدۇ، ھۆكۈمەت چىرىكلىشىپ، فاشىستلىشىپ كەتتى.

ئامېرىكىنىڭ فوتو مۇخپىرى مايك ئەپەندى دەرت ئەيتقىلى كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ رەسىمگە ئالسا، ساقچىلار ئۇنى قوشۇۋېلىپ ئۇرغان، تەپكەن، بۇلۇپمۇ بېقىنىدىكى جىگەر، بۆرەك بار جايغا قاتتىق ئۇرغان. ئۇنىڭ كىنىشكىسىنى كۆرگەندىن كېيىنمۇ 30 نەچچە مىنۇت تۇتۇپ تۇرغان. ساقچى ئورگانلىرى بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىشنى رەت قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنى باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ "مەن بۇ گەپنى ھازىر ئاڭلاۋاتىمەن، بىز ئېنىقلاپ كۆرەيلى" دەپ ئۆزىنى قاچۇرغان. بۇ ۋەقەنى كۆرگەن بىر ئايال، بۇنداق ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ھەيران قالمايمەن. 2004 - يىلىدىمۇ بۇنداق بىر ۋەقە بولغان. ساقچىلار چەتئەللىك بىر ئايال مۇخبىرنى تۇتۇپ كەتكەن ئىدى.

شاڭخەيلىك بىر ئايال مۇنداق دېگەن: بىز خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى ئېچىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىمىز، يىغىن مەيدانىغا بارىمىز، خەلق ۋەكىللىرىگە قىلىدىغان گېپىمىز بار، يەتكۈزۈپ بېرىدىغان خېتىمىز بار، گېپىمىزنى قىلىۋالغاندىن كېيىن تۇتۇپ كەتسە مەيلى، ئۇنداق قىلمىساق ئۇلار مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ.

بېيجىڭلىق بىرئايال : ئىككى چوڭ يىغىن باشلانغاندىن ئېتىبارەن بىزگە 24 سائەت نازارەت قىلىۋاتىدۇ، نەگە بارساق بىزنى ساقچى ماشىنىسى ئېلىپ بارىدۇ، دوككانلارغا كىرسەك ساقچىلار بىللە كىرىدۇ. دوستلىرىمزىنىڭ ئۆيىگە بارساق، ساقچىلار ئالدى بىلەن ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرىدۇ. بىزدە ھېچقانداق كىشىلىك ھوقۇق قالمىدى.

خىتاي ساقچىلىرى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنىگىچە چوڭ ھەرىكەت قوللىنىدىكەن

چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى "سىنا تور بېتى" دە بايان قىلىنىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما جېنچۇئەن 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت جامائەت خەۋپسىزلىكى پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىغان ۋاقىت بولىدۇ؛ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى بىلەن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىكتە قانۇن پروگراممىسى كۆرسىتىدۇ. بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەر ۋە ئۆلكىلەردە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرى خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيىسى بويىچە ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ ھەرىكەت قوللىنىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي خۇ جىنتاۋنىڭ دېموكراتىك، قانۇنلۇق، ئادىل، دوستلۇق، تىنچ ۋە ئىناق سوتسىيالىستىك جەمىيەت قۇرۇش دېگەن يوليورۇرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قىلىنىدىغان ھەرىكەت، دېگەن.

سىياسى كېڭەش خەلققە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئىشلارغا قۇلاق يۇپۇرماسلىقى كېرەك

ئۇلۇغ ئىرا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسمى - جىسمى بىلەن تىزىملاپ ئېنىقلانغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى زىيانكەشلىك قىلىپ ئۆلتۈرگەن فالۇنگوڭچە نەپەس مەشقى قىلغۇچىلارنىڭ سانى 1442 نەپەر. بۇنىڭ ئۈچۈن فالۇنگوڭچىلانىڭ خەلقئارادا 29 دۆلەتتە 47 نەپەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى ئۈستىدىن يوللىغان ئەرزى قۇبۇل قىلىنغان. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى دېگەن ھەرىكەت باشلانغاندىن كېين خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىۋاتقان ئادەم سانى 100 مىڭدىن ئاشقان. پروفېسسور سۈن ۋېنگۇئاڭ ئەپەندى بۇ قېتىمقى سىياسى كېڭەش يىغىنغا "ئۇچۇق سوت ئاچماي، پۇخرالارنى تۇتۇپ قېلىپ زىيانكەشلىك قىلىپ ئۆلتۈرىۋېتىدىغان ۋەقەلەرگە قۇلاق يۇپۇرماسلىق كېرەك، خەلق ۋەكىللىرى، سىياسى كېڭەش ۋەكىللىرى يالغاندىن ئاڭلىماس بولىۋېلىشنى توختىتىشى كېرەك" دەپ تەكلىپ سۇنغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.