
16-ئاپرىل كۈنى تۈركىيىدىكى تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتى بىلەن ئەنقەرە سودا ئۇيۇشمىسى بىرلىشىپ "تۈركلەرگە ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىق ۋە سۈرگۈنلەر" ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر تارىختىن بۇيان بالقان، ئوتتۇرا شەرق، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە خىتايدا تۈركلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقلار ۋە شۇنىڭدەك سۈرگۈنلەر توغرىسىدا ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا ئەنقەرە ئۇنۋەرسىتېتى تىل-تارىخ، جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ۋە رۇس ئىستېلاسى ئاستىدا داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە سۈرگۈن توغرىسىدىكى بۆلۈمىدە سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرھىنچىلىقى ۋە سۈرگۈنلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.