0:00 / 0:00

30-ئاپرىل ۋە 1- ماي كۈنلىرى تۈرك دۇنياسى كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەنقەرەدە "شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى" ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
يىغىنغا تۈرك دۇنياسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پەخرى رەئىسى گېنېرال مەمەت رېزابېكىن، رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن قاتارلىق ئاتاقلىق سىياسىيونلار، جەمئىيەت باشلىقلىرى ۋە ئۇيغۇرلار قاتناشتى. يىغىندا سەككىز كىشى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى قاتارلىق تېمىلاردا سۆزلىدى.