كانادادا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
2005.05.10
يىغىنغا، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرى شۇنداقلا ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلاردىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كانادا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، كانادا تىبەت بىرلەشمىسى ۋە فالۇن دافا قاتارلىق 11 تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.
كانادا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن مەزكۇر تەشكىلات رەئىسى مەمەت توختى يىغىنغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆز مۇخبىرىمىز پەرىدە مەمەت توختى ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، يىغىن ئەھۋالىدىن مەلۇمات ئىگىلىدى.
©
2005 Radio Free Asia