جۈمە كۈنى كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى كانادا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا خەلقىغە تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، كانادانىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلىشى كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يىغىنغا فرانسىيە، ئەنگىلىيە ۋە خىتاي قاتارلىق 19 دۆلەتلەرنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بولۇپ، 200 دە ئادەم قاتناشتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى يىغىندا سۆز قىلىپ، يىغىن ئەھلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.
©
2005 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كانادادا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
- ئەركىن ئالىپتېكىن ئەرجېيىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىدى
- ئۇيغۇرلار كانادادا يىغىن ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى (2)
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى (1)