5 - نۆۋەتلىك ئاسىيا-تىنچ ئوكيان شەھەر باشلىقلىرى ئالىي يىغىنى چارشەنبە كۈنى چوڭچىڭدا ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى 41 دۆلەت ۋە رايوننىڭ شەھەر باشلىقلىرى، كارخانىچىلار ۋە ئىلمىي ئەربابلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار "شەھەر، ئادەم، تەبىئەت" دېگەن تېمىنى ئاساس قىلغان ھالدا، شەھەرنى تەرتىپكە سېلىش، جەمئىيەت باراۋەرلىكى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ساپاسى ۋە شەھەر ئالاقىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ مۇلاھىزە ئېلىپ بارىدىكەن. شۇنداقلا مەزكۇر ئالىي يىغىن، تەتقىقات ۋە مۇھاكىمىلەردىن يەكۈنلەپ چىققان نەتىجىلەر بىلەن "چوڭچىڭ خىتاپنامىسى" نى تۈزۈپ چىقىدىكەن.
شەھەرلىشىشكە ھەر خىل قاراشلار
خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، شەھەرلىشىشنىڭ مۇھىملىغىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ كونكېرت دۆلەت ۋەزىيىتىگە ئاساسەن خىتاي ئالاھىدىلىگىدىكى شەھەر مۇساپىسىنى بېسىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى يۈزلىنىۋاتقان بىر قاتار قىيىنچىلىقلارنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"21 - ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ كەمچىلىكى، مۇھىت مەسىلىسى، تەبىئىي ئاپەت، كېسەل ۋە كەمبەغەللىك قاتارلىق مەسىلىلەر، خىتاينىڭ شەھەر تەرەققىياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللاردۇر. بۇنىڭدىن سىرت شەھەر تەرەققىياتىدا يەنە، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى ماسلاشماسلىق مەسىلىسىمۇ روشەن ئىپادىلەنمەكتە".
خىتايدىكى شەھەر جەمئىيىتى ئىلمىدىكى بىر نەپەر تەتقىقاتچى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە شەھەر جەمئىيىتىگە كىرىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى، لېكىن باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ شەھەرلىشىشكە بولغان تونۇشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنىڭ يىراقنى كۆرۈش ئاساسى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"كۆلىمى بىر قەدەر زور، نەچچە يۈز مىليون كىشى شەھەرلەرگە قاراپ ئاقىدىغان گەپ. قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا بۇ ئۈنۈملۈك كۆرۈنگەندەك قىلغان بىلەن، ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا، بۇ قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ۋەيران قىلىش بولىدۇ. ھازىر كونا مەدەنىي بەلگىلەر يوقۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. شەھەرلىشىش، مىللىي مەدەنىيەتكە قىلىنغان بىر بۇزغۇنچىلىق".
خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خۇئاڭ جۈ مەزكۇر يىغىندا يەنە، دۆلەت ئىگىلىگىدىكى كارخانىلارغا قارىتىلغان ئىسلاھاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خۇسۇسىي مۈلۈك ئىقتىسادىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"بىز ئومۇمىيۈزلۈك ئىسلاھاتنى تېز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بۇ، ئىلمىي شەھەر تەرەققىياتىنىڭ تۈپ كاپالىتى ھەمدە شەھەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى".
خىتاي شەھەر باشلىقلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى تاۋ سىلياڭ چارشەنبە كۈنى كەلگۈسى 15 يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە 200 مىليوندىن 300 مىليونغىچە بولغان خىتاي دېھقان كۆچمەنلىرىنىڭ خىتايدىكى ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەرگە كۆچۈپ كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۆكۈمەتنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا كونكېرت تەدبىرى يوق
مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا بانكىسىنىڭ شەھەر تەرەققىياتى ئىدارىسى مەسئۇلى ۋاما، بۇ زور تۈركۈمدىكى كۆچمەنلەرنىڭ خىتايدىكى شەھەرلەردە تېخىمۇ ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ھەتتا نامراتچىلىق ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئۆكتىچىسى لياۋ شۇئاڭيۈئەن بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، دېھقانلارنىڭ شەھەرلەرگە زور مىقداردا كىرىشىنىڭ ئالدىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ شەھەرلىشىش تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ يەنە ھۆكۈمەت سىياسىتىدە توختىلىپ، "مۇھىمى ھۆكۈمەت پەقەت قۇرۇق گەپلا ساتىدۇ. ئېيتقان سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاڭلاشقا تولىمۇ ياخشى. لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سىياسەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھېچقانداق كونكېرت تەدبىرلىرى يوق" دېدى.
ئاسىيا-تىنچ ئوكيان شەھەر باشلىقلىرى يىغىنى 1996 - يىلى تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيىدە ئېچىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان بۇ يىغىن ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىپ كەلدى. لېكىن بۇ يىللىق يىغىن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ۋە قاتناشقان ئادەملەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بىر قېتىملىق يىغىن بولدى.
بۇ يىغىننىڭ ئالدىدا، چوڭچىڭدىكى تېگاڭ پولات-تۆمۈر زاۋۇتى ئىشچىلىرى چوڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بۇ خەلقئارالىق يىغىننىڭ، ئۇلارنىڭ زارىغا پايدىسى بولۇپ قېلىشىنى كۈتكەن ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ تىنچ يولدىكى نامايىشى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇلدى. (پەرىدە)