تۈرك دۇنياسى ياشلار قۇرۇلتىيى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

0:00 / 0:00
uygur-wekiller.jpg
يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر. RFA

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۇنياسى ياشلا قۇرۇلتىيىنىڭ 12-نۆۋەتلىك يىغىنى 14-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا داغدۇغىلىق باشلاندى.

يىغىنغا 43 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ياشلار ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى نامىدا بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

تۈركىيىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا گۈل يىغىنغا قاتنىشىپ تەبرىك سۆزى قىلدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.