0:00 / 0:00
ئۆتكەن شەنبە كۈنى گوللاندىيىنىڭ گاگا شەھىرىدە "ئاسىيادا تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق" دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
گېرمانىيىدە نەشر قىلىنىدىغان "دۇنيا گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى رىياسەتچىلىك قىلغان مەزكۇر يىغىنغا ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى مەشھۇر سىياسىي ئەربابلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.