دۇنيا ئىقتىسادي مۇنبىرى يىغىنى شۋېتسارىيىدە رەسمىي باشلاندى


2006.01.26

شۋېتسارىيىنىڭ داۋوس دېگەن يېرىدە دۇنيا ئىقتىسادىي مۇنبىرى يىغىنى رەسمىي باشلاندى. بۇ يىغىنغا كۆپ ساندا دۆلەت باشلىقلىرى، مىنىستىرلەر، ئىقتىسادشۇناسلار، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەرنىڭ كاتتىۋاشلىرى ۋە ژورنالىستلار قاتناشماقتا.

تۈركىيىدىكى NTV تېلېۋىزيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى مۇنبەردە ئاسىيادا كۈچلىنىۋاتقان ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، سايلامدىن كېيىنكى ئىراق قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا ستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، بىز بۇ مەسىلىلەر ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى سورىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.