تۈركىيە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىشى كېرەك


2006.02.08

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تارمىقىدىكى تۈرك ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى 8-فېۋرال كۈنى ئەنقەرەدە يىغىن چاقىرىپ، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ 50 كە يېقىن ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتارىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋەكىلىنىمۇ تەكلىپ قىلغان.

يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش كاتىپى ھامىت كۆكتۈرك سۆزىدە تۈركىيىنىڭ باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە ياردەم بەرگىنىدەك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغىمۇ ياردەم بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىن ھەققىدە توختالدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.