ئۇيغۇرلار بېرلىندا ئېچىلغان خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ھەققىدىكى يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى

0:00 / 0:00

ھازىر گېرمانىيىدە "خىتاي ۋە ئاسىيانىڭ دېموكراتىيىلىشىشى" دېگەن تېمىدا خەلقئارالىق چوڭ يىغىن ئۆتكۈزۈلمەكتە. يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن خىتاي دېموكراتچىلىرى، غەرب ئەللىرىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى قاتناشتى.

15‏- مايدىن 19‏-مايغىچە داۋاملىشىدىغان مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە باياناتچىسى دىلشات رىشىت ھەمدە ياۋورپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىدىكى بىر قانچە ۋەكىل يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى.

دولقۇن ئەيسا يىغىندا خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەمدە بۇنىڭدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز پەرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانى زىيارەت قىلدى.