10-نۆۋەتلىك تۈركىي دۆلەت ۋە تۈركىي مىللەتلەر دوستلۇق قېرىنداشلىق ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى رەسمىي باشلاندى
2006.09.18
تۈركىيىنىڭ ئانتاليە شەھىرىدىكى سۇڭاتە مېھمانخانىسىدا 10 – نۆۋەتلىك تۈركىي دۆلەت ۋە تۈركىي مىللەتلەر دوستلۇق قېرىنداشلىق ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى رەسمىي باشلاندى. قۇرۇلتايغا 8 دۆلەت، يەنى ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان تۈركمەنىستان، تاجىكىستان، موڭغۇلىيە ۋە شىمالىي سىپېرۇس تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللەر قاتناشتى. بۇلاردىن باشقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەرمۇ بولۇپ 600 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۇمتۈرك، مۇئاۋىن باشلىقى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش سېكرېتارى ھامۇت كۆكتۈرك، ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن پروفېسسور، دوكتور سۇلتان مەخمۇت، ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەزەربەيجان دۆلەت باشلىقى ئىلھام ئالىيەۋ، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوگان، قىرغىزىستان دۆلەت باشلىقى مۇئاۋىنى دانىئەل ئۇسانوۋ، قازاقىستان رەئىس جۇمھۇرى نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ باش سېكرېتارى ئورازبەي ئابدۇكېرىموۋ قاتارلىقلار سوز قىلدى. بۇ رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك بۇ خىل قۇرۇلتايلارنىڭ تۈركىي دۆلەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، دۇنياۋىلىشىۋاتقان، دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ئۆزگىرىۋاتقان كۈنىمىزدە تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۇچەيتىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيىنىڭ باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوگان ئۇزۇن سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يېمىرىلىپ 5 تۈركىي جۇمھۇرىيەت مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تۈركىيىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە قىلغان ياردەملىرى ۋە تۈركىيىنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى. بۇلاردىن باشقا تۈركىيىنىڭ دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوگان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ 19 –ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياشىغان قىرىملىق مەشھۇر ئالىم ئىسمائىل گاسپىرالى ئوتتۇرىغا قويغان تىلدا، ئىشتا ۋە پىكىردە بىرلىك سۆزىنى ئۆزىمىزگە دەستۇر قىلىپ، تۈرك دۇنياسى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك دېدى. ئۇ سۆزىدە تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
فرانسۇزچە سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بىرلىكى، ئىنگلىزچە سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بىرلىكى، ئىسپانچە سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بىرلىكى، دېگەن بۇ بىرلىكلەر مانا مۇشۇ قۈشەنچىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۇنداقتا نېمىشقا بىزلەرمۇ تاشقى سىياسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بىر بىرىدىن كۈچ ئالدىغان مانا مۇشۇنداق بىر بىرلىكنى قۇرۇپ قىلمايلى؟ تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بىرلىكى بىزنىڭ خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولۇشىمىزغا بۇنىڭ بىلەن خەلقلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىمىزغا، ھەمدە رايونىمىزدا تىنچلىقنىڭ بەرپا بولۇشىغا ئىمكان يارىتىپ بېرىدۇ. پۈتۈن قېرىنداش دۆلەت ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە دەرھال قەدەم تاشلاشقا دەۋەت قىلىمەن.
9-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىنغا ھەر قايسى تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، بىلىم ئادەملىرى، كارخانىچىلار ۋە ئاممىۋىي تەشكىلات رەھبەرلىرى قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، تۈركىي دۆلەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى مەۋجۇت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى ئىش پىلانلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىش بىلەن بىرلىكتە، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. ئۇيغۇر ۋەكىللەرمۇ بۇ قۇرۇلتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى ئىكەن. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ماۋزۇلۇق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
- تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا بىرلىكى ھەققىدىكى پىكىرلەر كۆپەيمەكتە
- تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر بىرلىك قۇرۇپ چىقىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟
- ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈرك دۇنياسى ياشلار قۇرۇلتىيىدا
- "ئوتتۇرا ئاسىيا بىرلىكىگە زەربە" ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ ئاپتورى بىلەن سۆھبەت
- بالقار جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش
- تۇۋا جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا قىزىقماقتا
- 8- نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى سەنئەت بايرىمى باشلاندى