ئۇيغۇر مەسىلىسى 10 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى دوستلۇق قېرىنداشلىق ھەمكارلىق قۇرۇلتىيىدا
2006.09.19
تۈركىيىنىڭ ئانتاليا شەھىرىدە 9-ئاينىڭ 18-كۈنى باشلىغان 10 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى دوستلۇق قېرىنداشلىق ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى داۋام قىلماقتا. قۇرۇلتايغا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 تۈركىي جۇمھۇرىيەتتىن كەلگەن ۋەكىللەردىن باشقا موڭغۇلىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەر، مۇتەخەسسىسلەر، بىلىم ئادەملىرى، كارخانىچىلار ۋە ئاممىۋىي تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن بولۇپ 600 ئەتراپىدا كىشى قاتناشماقتا.
ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش سېكرېتارى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى، ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى، ئۇيغۇر ئىلىم ئادەملىرىدىن دوكتور سۇلتان ماخمۇت، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت قاتارلىق ۋەكىللەر قاتناشماقتا.
قۇرۇلتايدا ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەردىن كەلگەن ھەيئەت باشلىقلىرى سوز قىلدى. ئۇيغۇر ۋەكىللەر نامىدىن سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى سوز قىلدى، ئۇ سۆزىدە تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى قېرىنداشلىققا ياراشمايدىغان سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا پانالىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنى خىتايلارگا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ھۈسەنجان جېلىلنى مىسسال بېرىپ تۇرۇپ ئاڭلاتتى. ھېق بولمىغاندا مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قېرىنداشلىققا، ئىنسانلىققا ياراشقان ھالدا ئۇيغۇر سىياسىتى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندىنىڭ نۇتقى پۈتۈن قۇرۇلتاي ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
بۈگۈن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى 4 گۇرۇپپا ھالىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى بۇ گۇرۇپپىلار خەلقئارا مۇناسىۋەت مەتبۇئات گۇرۇپپىسى، ئىقتىسادى، تىجارى، مالىيە جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلەر گۇرۇپپىسى، مەدەنىيەت گۇرۇپپىسى، مائارىپ ۋە بىلىم تېخنولوگىيە گۇرۇپپىسى، ياشلار گۇرۇپپىسى، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە قانۇن گۇرۇپپىسى. بۇ گۇرۇپپىلىرىغا قاتناشقان ۋەكىللەر يۇقىرىدىكى ساھەلەردە تۈركىي دۆلەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى مەۋجۇت مۇناسىۋەتنى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرلىكتە بۇ ساھەلەردە يېڭى پىلانلارنى قۇرۇپ چىقىدىكەن. بۇلاردىن باشقا تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىلىدىكەن.
ئۇيغۇر ۋەكىللەر قايسى گۇرۇپپىلارغا قاتناشتى، ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 10-نۆۋەتلىك تۈركىي دۆلەت ۋە تۈركىي مىللەتلەر دوستلۇق قېرىنداشلىق ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى رەسمىي باشلاندى
- تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ماۋزۇلۇق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
- تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا بىرلىكى ھەققىدىكى پىكىرلەر كۆپەيمەكتە
- تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر بىرلىك قۇرۇپ چىقىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟
- ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈرك دۇنياسى ياشلار قۇرۇلتىيىدا
- "ئوتتۇرا ئاسىيا بىرلىكىگە زەربە" ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ ئاپتورى بىلەن سۆھبەت