10 – نۆۋەتلىك تۈركىي دۆلەت ۋە مىللەتلەر يىغىنى قارارنامىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يەر بېرىلدى


2006.09.20
Uyghur-wekilliri-200.jpg
ئۇيغۇر ۋەكىللىرى يىغىندا

تۈركىيىنىڭ ئانتاليا شەھىرىدە چاقىرىلغان 10-نۆۋەتلىك تۈركىي دۆلەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر دوستلۇق قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى 9-ئاينىڭ 20-كۇنى رەسمىي ئاخىرلاشتى. قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرقى كۈنى 4 گۇرۇپ ھالىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە قۇرۇلتاي قارارنامىسى ماقۇللاندى. قۇرۇلتاينىڭ قارارنامىسىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى بەشىر ئاتالاي ئەپەندى يېپىلىش مۇراسىمىدا ئوقۇپ ئۆتتى.

بەشىر ئاتالاي ئەپەندى يېپىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە بۇ قۇرۇلتايدا كەيپىياتنىڭ ئىنتايىن قىزغىن ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئەڭ مۇھىم مەسىلىنىڭ يىغىندا ئېلىنغان قارارلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ماقۇللانغان قارارنامىدا يەنە تۈرك دۇنياسىدىكى سىياسى مەسىلىلەر، تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە مىللەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى ھەمكارلىقنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى دېدى. قارارنامىدا سىپېرۇس، قاراباغ، كەركۈك تۈركلىرى، ئاغىزكا تۈركلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى مەسىلىسىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

يېپىلىش مۇراسىمىدا دۆلەت مىنىستىرى بەشىر ئاتالاي قارارنامىنى ئوقۇپ چىقتى:

"قۇرۇلتىيىمىز ئىراقتا ياشايدىغان تۈركمەنلەر دۇچار بولىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى، بولۇپمۇ كەركۈكتە يەر خېتى ۋە نوپۇس تىزىملىكى ئۆزگەرتىلىش ئارقىلىق كەركۈكنىڭ ئېتنىك قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى قارارلاشتۇردى. بۇ شارائىت ئاستىدا رايوننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئادىل بىر خەلق رايىنى سىناش ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرىمىز. قۇرۇلتىيىمىز كەركۈك شەھىرىنىڭ ئاخىرقى شەكلىنىڭ بەلگىلىنىشىدە تۈركمەنلەرنىڭ پىكرىنىڭ ئېلىنىشى ۋە پۈتۈن ئىراقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدە بەلگىلىنىشى كېرەكلىكىنى قارارلاشتۇردى".

قۇرۇلتاينىڭ قارارنامىسىدا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇچار بولىۋاتقان مەدىنى ۋە مائارىپ مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ تېخىمۇ سەزگۈر بولۇشى، خەلقئارا سەھنىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى، تۈركىي مىللەت ۋە دۆلەتلەردىن خىتاينى زىيارەت قىلماقچى بولغانلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىمۇ بېرىپ، بۇ رايوندىكى خەلقلەر بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق رىشتىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى قارار قىلىندى.

قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيىنىڭ سابىق جۇمھۇر رەئىسى سۇلايمان دەمىرەلمۇ بار ئىدى. ئۇ ئالقىشلار ئىچىدە سەھنىگە چىقتى. ئۇ سۆزىگە تەقدىر ۋە مەدەنىيەت بىرلىكىمىز بولغان تۈركىي خەلقلەر بىزنىڭ قېرىندىشىمىزدۇر، دەپ باشلىدى. تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوز يىلتىزىغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن سۇلايمان دەمىرەل ئورتاق ئېلىپبە ۋە تىل مەسىلىسىنىڭمۇ ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى:

seyit-qurultayda-200.jpg
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تومتۈرك يىغىندا

"كېلەچەككە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى ھەس قىلىمىز. تۈرك دۇنياسى قولىغا ئۆتكەن بۇ پۇرسەتلەردىن ئىنتايىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك. بۇ پۇرسەت زامانىۋى دۇنيادا يەر ئېلىش پۇرسىتىدۇر".

سۇلايمان دەمىرەل سۆزىنى قوركۇت ئاتانىڭ دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتۇردى:

سايىلىق دەرىخىمىز پۇتالمىسۇن، ئورمانلىرىمىز ئازالمۇسۇن. شاقىراپ ئېقىۋاتقان ئېرىقلىرىمىز قۇرۇمىسۇن. ئۈمىدىمىز ئۈزۈلمىدىن، ئوچاقلىرىمىز يېنىپ تۇرسۇن، چىرىقىمىز ھېچبىر زامان ئۆچمىسۇن".

يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا قۇرۇلتاينى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك دۇنياسى دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ سابىق باشلىقى مەرھۇم ئالپارسلان تۈركەشنىڭ قىزى پروفېسسور، دوكتور ئۇماي گۇناي تۈركەش خانىممۇ بار ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بىلگە خاقاندىن ئاتاتۈرككە ئۇزارغان بۇ يولدا تۈركىي دۆلەتلەرگە ۋە تۈركىي خەلقلەرگە بولغان ھۆرمەتنى داۋام قىلدۇرغانلىقى ۋە بىز ئۈچۈن ۋەسىيەت قىممىتىدە بولغان بۇ قۇرۇلتاينى داۋام قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن سەمىمى تەشەككۇرلىرىمنى بىلدۈرىمەن".

سابىق دۆلەت مىنىستىرى، تۈرك دۇنياسى دوستلۇق قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق فوندى جەمئىيىتى باشلىقى ئابدۇلخالىق چاي ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

مۇستەقىل تۈركىي دۆلەتلەردىن باشقا ئىران، سۇرىيە، ئىراق ۋە خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەرمۇ بار. شەرقىي تۈركىستانمۇ بۇلارنىڭ بىرىدۇر. قۇرۇلتىيىمىزنىڭ ئانا پەلسەپىسى، تۈركىي خەلقلەر ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ كىشىلەرگە تۇتقان ئىنسانى پوزىتسىيىسىگە قاراشتۇر. بىز ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا تۇتقان پوزىتسىيىگە قاراپ تۇرۇپ ئۇ دۆلەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بەلگىلەيمىز. ئىران، سۇرىيە، ئىراق ۋە خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەر بۇنى چۈشىنىپ يەتكەن تەقدىردە ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەئىسىگە تىنچلىق كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن.

RFA: سىزچە بۇلار ئۇنى چۈشىنەمۇ؟ چۈشىنىدۇ. ئارزۇيىمىز شۇنداق.

يېپىلىش مۇراسىم ئاخىرىدا ھەرقايسى تۈركىي دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن ھەيئەتلەر سابىق جۇمھۇر رەئىسى مىللى كىيىملىرىنى تەقدىم قىلدى. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى باشلىقى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندىمۇ سۇلايمان دەمىرەلگە ئۇيھگۇرلارنىڭ چەكمەن تونى ۋە دوپپىسىنى كىيگۈزدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.