كانادادا "خىتايدىكى كرىزىس ۋە خىتايدىكى بۇرۇلۇش" دېگەن تېمىدا يېغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتدا تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتتىكى خىتاي تەتقىقاتى جەمئىيىتى بىلەن كانادادىكى خىتاي دېموكراتلىرى جەمئىيىتى "خىتايدىكى كرىزىس ۋە خىتايدىكى بۇرۇلۇش" دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتە خىتايدىكى جىددى ۋەزىيەتنىڭ يېڭى پۇرسەت ئاتا قىلىۋاتقانلىقىنى مۇھاكىمە قىلدى.

خىتايدىكى بۇرۇلۇشنىڭ دېموكراتىيە بىلەن ئىشقا ئاشىدىغانلىقى، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك بولغاندىلا خىتايدىكى مىللەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغىلى ۋە مۇزاكىرە قىلغىلى بولىدىغانلىقى ۋە خىتايدىكى دىكتورلۇق تۈزۈلمىنىڭ دېموكراتىيىلىشىش يولىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ نوختىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

يىغىندا بىرىنچى بولۇپ سۆز قىلغان چەتئەلدىكى دېموكراتىك جوڭگۇ فرونتىنىڭ رەئىسى فەي لياڭيوڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نۆۋەتتە ناھايىتى كۆپ كرىزىسكە كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ كرىزىسلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئادەتتە دېموكراتىك جەمئىيەتكە نىسبەتەن بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئاغدۇرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

"خىتايدىكى كرىزىس ۋە بۇرۇلۇش ئەمىلىيەتتە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كىرىزىسى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كرىزىسىنى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا خىتايدىكى بۇرۇلۇش، دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. خىتايدىكى ئىختىسادىي گۈللىنىشنىڭ ئارقىسىغا ناھايىتى كۆپ خىل كىرىزىسى يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇلار سىياسى كرىزىس، ئىجتىمائىي كرىزىس، ئىختىسادىي كىرىزىس، ئېنېرگىيە كىرىزىسى، ئەخلاق ۋە ئېتىقات كىرىزىسى قاتارلىقلاردۇر. خىتاي كوممۇنىستلىرى بىر پارتىيىلىك تۈزۈمدە چىڭ تۇتۇپ، نازارەتنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ۋە ئەمەلدارلار ئۆز چۆنتىكىنىلا ئويلىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي جەمئىيىتىدىكى چىرىكلىك ئەۋجىگە چىقىپ، تارىختىكى ھەرقانداق بىر دەۋرنى بېسىپ چۈشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. خىتاي كۆرۈنۈشتە ناھايىتى مۇستەھكەم تۇرغاندەك ۋە گۈللىنىۋاتقاندەك كۆرۈنگەن بىلەن ئەمىلىيەتتە ئىنتايىن ئاجىز. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بىر ۋەقە بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش غۇلاپ چۈشىدۇ. "

مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى چەتئەللەردىكى خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلىقتا ئەيىبلىشىگە ھەمتاۋاق بولۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىنىشى زۆرۈر بولغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

"چەتئەللەردىكى خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تېررورچىلىقتا باغلاۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال چەتئەللەردىكى خىتايلارغا ئائىت ئاخبارات ۋاستىلىرىدىمۇ كۆپلەپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇلارمۇ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تېررورچىلىق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارىلاش سىياسىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس".

ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ پەقەت كومپارتىيە ئاغدۇرۇلغاندىلا ئاندىن ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

ئۇيغۇر مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىلا بولۇپلا قالماستىن، ئۇ بىر سىياسى مەسىلە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا دىنىي ھوقۇق ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇر ھەلقى ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئويلايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەك. مېنىڭچە، خىتاينىڭ كوممۇنىست دىكتاتور ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلغاندىلا ئاندىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلىدۇ".

يىغىندا سۆز قىلغان كانادادىكى تەيۋەنلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى لىن جېڭەن تەيۋەندە تىنچلىق يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، پرېزىدېنت چەن شۈيبيەننى ئاغدۇرۇش ۋەقەلىرىنىڭ دېموكراتىيىنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكى، ئەگەر خىتايدا بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر يۈز بەرسە قورالىق ۋاسىتىلەر بىلەن قانلىق باستۇرىدىغانلىقى ۋە بىر دۆلەتنىڭ ھۆرمەت- شەرىپى شۇ دۆلەتنىڭ چوڭ، نوپۇسىنىڭ كۆپلىكى ۋە بايلىق مەنبەلىرىنىڭ مول بولىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى، ئۇ دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە تەڭ-بارابەرلىكتىن بەھرىمەن بولۇش بولماسلىقى بىلەن بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كىرىزىسى ئەمىلىيەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ كىرىزىسىدۇر. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئاغدۇرىلىدىغان بولسا، خىتاي دۆلىتىنىڭ تۈزۈلمىسىدە قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئىقتىساد ئېغىر زىيان كۆرۈدۇ. چەتئەللەردىكى ياكى مەملىكەت ئىچىدىكى زىيالىلار، يېڭى تۈزۈلمە ۋە يېڭى تۈزۈمنىڭ لاھىيىسى ئۈستىدە باش قاتۇرىشى كېرەك.. نۆۋەتتە ۋەزىيىتى بارغانسىرى جىددىلىشىۋاتقان خىتاي دۆلىتى يېڭى بىر دېموكراتىك تۈزۈمگە ھامىلدار بولماقتا. مەن ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە موڭغۇللارغا ھەقىقەتەن قايىل. ئۇلار مېڭىۋاتقان يول ھەقىقەتەن قىيىن. ئامما ھەققانىي يول. تەيۋەن خىتاينىڭ بۇ قەدەر بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان يەردە ئۇلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى پەقەت تەيۋەن خەلقىلا ياخشى ھېس قىلالايدۇ. شۇڭا، تەيۋەن دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيىسى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەتىنى بىلەن تىبەتنى خىتاينىڭ سىياسى خەرىتىسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، تارىختىكى خاتالىققا خاتىمە بەردى.

بۇ يىغىندا بىر نەپەر ئۇيغۇر، دېموكراتىك جوڭگۇ فرونتىنىڭ رەئىسى فەي لياڭيوڭدىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىشنى خالىماسلىقتىن ئىبارەت بىر سىياسى كىرىزىسنىڭمۇ مەۋجۇتلىقى، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسى پروگراممىسىدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش پلانلىرىنىڭ بار-يوقلىقىنى ۋە خىزمەت جەدۋىلىدە بۇ مەسىلىنىڭ ئورۇن ئالغان - ئالمىغانلىقىنى سورىغاندا فەي لياڭيوڭ ئەپەندى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ سىياسى پروگراممىسىدا ھازىرچە بۇ مەسىلىنىڭ يوق ئىكەنلىكى ئامما خىتاي دېموكراتىيە ئۆتكەندىلا بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈلگىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش يولى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىنى سۆزلەپ ئۆتتى. (كامىل تۇرسۇن)