دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى رەئىسى ئابدۇرىشىت تۇردىيېفنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالتا-ئاتا شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ۋە بۇ قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ د ئۇ ق نىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغانلىقىنىنى تەبرىكلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا 150 كىشى قاتناشقان.
قەھرىمان غوجامبەردى ۋە ئابدۇرىشىت تۇردىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىنغا چاقىرىلغان ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى يىغىنغا كەلمىگەن بولۇپ، ئۇلار شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن شۇ ئوخشاش كۈنگە ئورۇنلاشتۇرۇلگان مەشرەپكە قاتناشقان.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.