تەيۋەندە 5-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى


2005.11.23
taywan-yighin-uyghur.gif
ئۇيغۇر ۋەكىللىرى يىغىندا. RFA

تەيۋەن چىڭ يۈن ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان 5-نوۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى رەسمى باشلاندى. ئامېرىكا، فرانسىيە رۇسىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئىران، تۇركمەنىستان ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىلمىي خادىملار قاتناشقان بۇ يىغىنغا تۈركىيە ھاجىتۆپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتناشتى ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسى تېمىسىدا سۆز قىلدى.

11-ئاينىڭ 23-كۇنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا، تەيۋەن مىللى خەۋپسىزلىك كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى دوكتور زھاڭ شۈچەڭ ، تايۋان ئىقتىساد مىنىستىرلىكى مۇئاۋىن مىنىستىرى چەن رۇيلوڭ، چىڭ يۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ چى ھاۋ ۋە ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى باشلىقى زھەن كۇنفۇ قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ تەيۋەندىن بەرگەن خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.