"شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۈشى" ماۋزۇلۇق يىغىننىڭ غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
2006.04.27

قەيسىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2006 - يىلىنىڭ بېشىدا تۈركىيىدىكى پۈتۈن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا "شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۈشى" تېمىسىدا يىغىن ئېچىش قارارى چىقىرىپ، بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆتكەن ئىكى ئايدا قەيسىرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كونيادىكى سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدە لېكسىيە بەرگەن ئىدى.
بۇ يىغىننىڭ ئەنقەرەدىكى بېكىتىدە بولسا، يىغىن ئويلىمىغان يەردىن ئۆتكۈزۈلەلمىدى. 4 -ئاينىڭ 27 - كۈنى ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادىي ۋە ئىدارىيە بىلىملەر فاكۇلتېتىنىڭ زالىدا ئېچىلماقچى بولغان يىغىن پۈتۈن تەييارلىقلار تۈگەپ، يىغىن ئېچىلىشقا ئاز قالغاندا ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىكىدىن بۇ يىغىننىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلدى.
ئەھۋالدىن بىخەۋەر بولغان يىغىن قاتناشقۇچىلىرى، مۇخبىرلار، سابىق پارلامېنت ئەزالىرى، يىغىن زالىغا كېلىپ بولغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ كىشىلەرگە يىغىننىڭ تۈركىيە مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسىدا ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ جەرياندا نىمە ئۈچۈن گازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ توساتتىنلا يىغىننى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنىڭ سەۋەپلىرىنى سۈرۈشتۇردۇق ۋە كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئالدۇق.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "ئۇلۇغ شائىر ۋە دۆلەت ئەربابى ئەلىشىر ناۋايى" ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى
- تۈركىيىدە "شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى" ناملىق يىغىن ئېچىلدى
- ئەنگلىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلمىي يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
- دۇنيا ئىقتىسادي مۇنبىرى يىغىنى شۋېتسارىيىدە رەسمىي باشلاندى
- ئىستانبۇلدا تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى