2011-يىلى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەر (2)

2011-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا نۇرغۇن ۋەقەلەر مەيدانغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى دىنامىكىلىق ئۆزگىرىشلەر بىلەن تولغان بىر يىل بولدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.01.03
yengi-yil-harpisida-rabiye-nutuq-305.jpg يېڭى يىل پائالىيىتىدە، رابىيە قادىر خانىم 11-ئاينىڭ 29-كۈنى جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق يىغىندا يۈز بەرگەن، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى بىر مەيدان كۈرەش جەريانىنى سۆزلەپ بەردى. 2011-يىلى 31-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
RFA

بىز ئالدىنقى پروگراممىمىزدا 2011-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەرنى سىلەرگە قايتا بىر ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئىدۇق. تۆۋەندە بۇ پروگراممىمىزنىڭ داۋامىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

2011-يىلى ئىچىدە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋاسىنى ئېلىپ بېرىش داۋامىدا نۇرغۇن مۇھىم سىياسىي پائالىيەتلەرنى قىلىش بىلەن بىرلىكتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان مۇھىم ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىمۇ تەشكىللىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى گوللاندىيىنىڭ دەنخاھ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەركىنلىك لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شۇنداقلا گوللاندىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا تۇپراقلىرىدا ياشاۋاتقان مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر بىر يەرگە جەم بولدى. 27-ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئامېرىكا، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق 7 دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ئەزىمەتلەر ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مەيدانغا كىرىپ كەلدى. رەسمىي پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن سەمەت ئابلا ئەپەندى تەبرىك نۇتقى سۆزلىدى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ غەلىبە تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. مۇسابىقە تەرتىپلىك، پىلانلىق ۋە ناھايىتى جانلىق كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 3 كۈن بويىچە ئېلىپ بېرىلغان 7 قېتىملىق مۇسابىقىلەر نەتىجىسىدە، گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول كوماندىسى بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى. مۇسابىقىدە شۋېتسىيە كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، گېرمانىيە 3-لىككە ئېرىشتى. 30-ئىيۇل كۈنى ئاخىرلاشقان مۇسابىقە ئاخىرىدا جەڭگىۋار روھ ۋە ھاياجانغا تولغان ياشلار ئۆز-ئارا قۇچاقلاشتى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، بۇ پائالىيەتنى ئەھمىيەتلىك ئەسلىمىلەر بىلەن ئاياغلاشتۇردى.

8-ئاينىڭ 18-كۈنى مالايشىيا دائىرىلىرى مالايشىيادا پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان 11 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ كۇئالالامپۇردا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مالاي دائىرىلىرى ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسى خادىملىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشىغا يول قويماي، ئۇلارنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، مالايشىيانىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا قاتتىق قېيىن-قىستاققا ۋە ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كىرىستوفېر سىمىسس «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە قوشنا ئەللەردىن پايدىلىنىشنى توختىتىشى شەرت» دېدى. 18-ئاۋغۇستتىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال يەنى 10-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ سادىق ھەمرىھى پاكىستانمۇ 5 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئوخشاشلا يەنە 6-ئاۋغۇست كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتىمۇ نۇرمەمەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنى قولغا ئېلىپ، ئۇنى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر باياناتىدا يۇقىرىدىكى ۋەقەلەرنىمۇ تىلغا ئېلىپ، پاكىستان ۋە تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.

2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسى سانجۇ يېزىسىدا ئاچچىقسۇدىن زەھەرلىنىپ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. خوتەن دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتى بويىچە، ۋەقەدە 13 كىشى ئۆلدى، 200 دىن ئارتۇق كىشى زەھەرلەندى. ۋەقەدە زەھەرلەنگەنلەر سانجۇ يېزىسىدىكى بىر لەڭپۇڭخانىدا لەڭپۇڭ يېگەن كىشىلەر بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە بۇ ئاچچىقسۇ ئىلگىرى زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددا توشۇلغان باكتا توشۇلغانلىقتىن، ئاچچىقسۇغا ئۆتكۈز زەھەر ئارىلىشىپ كەتكەن. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار نەتىجىسىدە، شۇ كۈنى كىشىلەر ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇلمىغاچقا، كىشىلەر ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بارمىغانلىقتىن، ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ بولۇشىدەك پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئاشكارىلاندى. شۇ كۈنى زەھەرلەنگەن كىشىلەردىن بىرى ئاخشام سائەت ئون ئەتراپىدا يېزا دوختۇرخانىسىدا جان ئۈزگەندىن كېيىن، دوختۇرخانا مەسئۇللىرى يېزا ۋە ناھىيە مەسئۇللىرىغا ئەھۋالنى دوكلات قىلىپ، يېزا ئاھالىسىگە دەرھال ئۇقتۇرۇش تارقىتىشنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېزا مەسئۇللىرى ئەھۋالنى ئاشكارىلاشنى توغرا تاپمىغان. نەتىجىدە شۇ كۈنى ئوخشاش لەڭپۇڭخانىدىن لەڭپۇڭ يېگەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىدىن خەۋەردار بولالماي، ئۆزىدىكى زەھەرلىنىش ئالامەتلىرىنى ئادەتتىكى قورساق ئاغرىقى دەپ قارىغانلىقتىن، دوختۇرخانىغا بېرىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۆيىدە جان ئۈزگەن، بەزىلىرى دوختۇرخانىغا بارغان بولسىمۇ، كەچ قالغان. ئەمما شۇنداقتىمۇ، يېزا ۋە ناھىيە دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى خەلقئارا ئاخباراتلاردىن سىر تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرغان. ھازىرغىچە، بىرەر كىشىنىڭمۇ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنماسلىقى، ئالاقىدار چۈشەندۈرۈشلەرنىڭمۇ بېرىلمەسلىكى ئاھالىلەردە تۈرلۈك گۇمان ۋە نارازىلىقلارنى قوزغىدى.

11-ئاينىڭ 29-كۈنى جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى دېموكراتىيە تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى بىر مەيدان كۈرەشكە سەھنە بولدى. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف ۋە باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر شىۋىتسىيارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتاتتى. 190 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشقان يىغىندا ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئالىم سېيىتوف سۆزىنى باشلىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى سۆزگە ئارىلىشىپ، د ئۇ ق ۋەكىلىنىڭ سۆزىدە ب د ت پرىنسىپلىرىغا خىلاپ سۆزلەر بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ۋەكىلنىڭ بۇ سۆزىنى پاكىستان، كۇبا ۋەكىلى قوللىدى. ئەمما ئامېرىكا ۋەكىلى د ئۇ ق ۋەكىلىنى قوللاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، د ئۇ ق ۋەكىلىنىڭ داۋاملىق سۆز قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ سۆزى ئاياقلىشىش بىلەن بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قىزغىن چاۋاك چېلىپ، زالدا ئىنتايىن قىزغىن كەيپىيات پەيدا بولدى. نەتىجىدە، يىغىن رەئىسى د ئۇ ق ۋەكىلىگە سۆز ھوقۇقىنى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە نەتىجىدە ئالىم سېيىتوف ئەپەندى يىغىندا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۈگۈن ئۇچراۋاتقان قىسمەتلىرى ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە دوكلات بەردى.

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىنىڭ مۇكۇيلا يېزىسىدا خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى 7 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. ئۆلگەنلەر ئىچىدە ئىككى ئايال كىشىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى. ۋەقەدە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ بىر ئادىمى ئۆلدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ تېررورچىلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما ئىگىلەنگەن مەلۇماتلاردىن بۇ كىشىلەرنىڭ ھىجرەتكە ماڭغان بىر ياكى بىر قانچە ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا بالىلارنىڭمۇ بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇ كۈنكى ۋەقەدە چوڭلار ھەممىسى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان. 7 ياشتىن 17-ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى 5 بالا يارىدار ھالدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئاياللار ۋە بالىلارمۇ خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ رەھىمسىزلەرچە نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان بۇ ۋەقە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ ئورۇن ئالدى. ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقە ھەققىدىكى باياناتىدا، ب د ت نى ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.