خىتايدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۇنيا يېمەكلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە


2007.05.08

ئامېرىكىدىكى ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ خىتاي يېمەكلىكىدىن زەھەرلەنگەنلىكى ھەققىدىكى دېلو يەنىلا تەكشۈرۈش جەريانىدا بولۇپ، ھازىرغىچە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھايۋاناتلار يېمەكلىكىدىن زەھەرلەنگەن ئۆي مۈشۈكى ۋە ئىتلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

باشقا دۆلەتلەر خىتايدىن يېمەكلىك ئىمپورت قىلىشتىن قورقماكتا

خىتايدىكى يېمەكلىكنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى كىشىلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكىدا، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھايۋاناتلار يېمەكلىكىدىن زەھەرلەنگەن ئۆي مۈشۈكى ۋە ئىتلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە، خىتايدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپەت مەسىلىسىگىمۇ زور تەسىر كۆرسەتمەكتە.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە،ھازىر خىتاينىڭ ئۆزىدىمۇ، كىشىلەر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان تۈرلۈك يېمەكلەرگە تولۇق ئىشەنچ قىلالمايدىغان ھەمدە سېتىۋالغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكىدا،بىر قىسىم ئىت، مۈشۈك قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ زەھەرلىنىلىشى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغانلىقىدىن ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇ ھەقتىكى دىلولارنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، كىشىلەرنى تېخىمۇ زور ئەندىشىگە سالغان.

بۇ ئەھۋالغا، خىتاي جامائىتىنىڭ ئىنكاسى

بېيجىڭدىكى ھايۋاناتلارنى ئاسراش كېڭىشىنىڭ باشلىقى چىن شياۋنانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھايۋاناتلارنىڭ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش مەسىلىسىدە، ئامېرىكىلىقلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئىنكاسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن. خىتايدا بولسا تا ھازىرغا قەدەر تېخى ھايۋاناتلار يېمەكلىكى مەسىلىسىدە، خەتەرلىك ياكى بىخەتەر دېگەن مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. ھايۋاناتلارنى ئاسراش كېڭىشنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى پەقەت ھايۋانلارنىڭ نورمال ياشىشىغا شۇنداقلا باشقىلار تەرىپىدىن خارلانماسلىقىغا مەسئۇل بولۇش ئىكەن.

چىن شياۋنا سۆزىدە يەنە،" ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھايۋاناتلارغا بولغان پوزىتسىيىسى يەنىلا ئۆزگەرمەي، يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتا تۈزۈمنى چىڭايتمايدىكەن، ئۇنداقتا خىتاي مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورت قىلىنىشتا زور توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ئىقتىسادىمۇ زور زىيانغا دۇچ كېلىدۇ" دەپ تەكىتلەپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ مەسىلىلەر ھازىر بارا - بارا دۇنياۋىي مەسىلىگە ئايلاندى. ھازىر باشقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويايلى، پەقەت يېمەكلىكلەر مەسىلىسىنىڭ ئۆزىلا دۇنيا يېمەكلىكىگە زور تەسىر يەتكۈزمەكتە" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ساختا يېمەكلىكلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋالى

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر پۇقرا مەزكۇر شەھەردە يامراپ كېتىۋاتقان ساقتا يېمەكلىكلەر ھەققىدە توختىلىپ،" ھازىر بۇ جايدا ئىنسانلار ئىستىمال قىلىدىغان ئۇن، ماي قاتارلىقلاردىنمۇ چاتاق چىقىۋاتسا، ھايۋاناتلار يېمەكلىكىدىن چاتاق چىقىشى بايىلا تۇرغان گەپ " دەپ بىلدۈردى.

ئۆ كىشى سۆزىدە يەنە ھازىر كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ تالادا تاماق يېيىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، ھەتتا كۆكتات ۋە گۆش، مىۋە ‏-چىۋە قاتارلىقلارنى ئالغاندىمۇ ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ پۇقرا سۆھبەت جەريانىدا يەنە، ھازىر ئۈرۈمچىدە ساختا دورا ۋە ساختا يېمەكلىك، ساختا كىيىم - كېچەك قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ يىلدىن -يىلغا كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل ساختا ماللارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگىدەك ئىچكىرىدىن كەلگەنلەر تەرىپىدىن سېتىلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئەيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە تۇتقان سىياسىتى

بېيجىڭ ئىجتىمائىي سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور خۇ شىندۇ ئەپەندى، خىتايدىكى يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ يىلدىن -يىلغا ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتە يېتەرلىك چارە -تەدبىر قوللانمايۋاتقانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىز ئىكەنلىكىنى ھەمدە داۋاملىق مەسىلە يۈز بەرمىگىچە، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە " مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار پەقەت مەسىلە يۈز بېرىپ، ئادەم ئۆلۈش ھادىسى يۈز بەرگەندە، ئاندىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئويلايدۇ. تەكشۈرگەندىمۇ پەقەت مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان كارخانىلارنى تەكشۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل كىشىلەرنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ. شۇڭا مەسىلە يەنىلا يىلتىزىدىن ھەل قىلىنماي كەلمەكتە" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي دۆلەت دەرىجىلىك نازارەت قىلىش ئورگىنىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، يېقىندا ئۇلار ئامېرىكا دورا يېمەكلىك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۈي ھايۋانلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

يېقىندا ئامېرىكا سودا تەشكىلاتى خىتايدىكى ئەقلىي مۈلۈك ۋە ساختا مەھسۇلات مەسىلىسى ھەققىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاينىڭ ئۈستىدىن مەخسۇس ئەرز سۇنغان. ئەرىز سۇنغۇچى تەشكىلاتنىڭ سابىق رەئىسى مەزكۇر ئەرىزنىڭ خىتايدىكى ساختا ماللارنى توسۇشتا، ئازراق بولسىمۇ، رول ئوينىيالىشىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا مەھسۇلاتلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا يىتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.