21-ئەسىرنىڭ يىپەك يولى شەرقىي تۈركىستانغىچە سوزۇلۇشى كېرەك

0:00 / 0:00

21- ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيىدىكى "دۇنيا كۈن تەرتىپى" گېزىتىدە رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گارىت جونېسنىڭ "21-ئەسىر يىپەك يولى" دەپ ئاتالغان كەسپىي دېڭىزىنىڭ نېفىتىنى تۈركىيە ئارقىلىق دۇنيا بازىرىغا توشۇيدىغان نېفىت تۇرۇبا يولى ھەققىدىكى "تۈركلەر ئوتتۇرا ئاسىيانى يېڭىدىن بايقىماقتا" ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ئاپتور ماقالىسىدە ئىستانبۇلدىن سەددىچىن سىپىلىغىچە سوزۇلغان پانتۈركىسىزم چۈشەنچىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىشى بىلەن تەڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن تۈركىيە كارخانىچىلىرى تەرىپىدىن قايتىدىن بۇ رايونغا تارقىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ تەييارلىغان پروگرامدىن ئاڭلاڭ