"يىپەك يولىنىڭ مەنبەسى --- شىنجاڭدىن يېڭى تېپىلغان جاھاننى زىل - زىلگە سالغان ئاسارە - ئەتىقىلەر كاتالوگى"
2008.01.02

ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىن يېڭىدىن تېپىلغان 190 خىلدىن ئارتۇق ئاسارە - ئەتىقىلەرنىڭ ئەۋرىشكىلىرى گېرمانىيە مۇزىيلىرى ۋە سەنئەت سارايلىرىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت يالدامىلارنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋرۇپا تۇپراقلىرىدا ئاشكارا كۆرسىتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
2007 - يىلى 13 - ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان بۇ كۆرگەزمە 2008 - يىلى 14 - يانۋار كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ گېزىت - ژۇرناللار ۋە ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە داۋرىڭى بولۇۋاتقان بۇ ئاسارە - ئەتىقىلەرنىڭ تارىخى ۋە سۈپىتى زىيارەتچىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان.
بۈگۈن "جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى" ۋە ز د ف، ئارتە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ تور بەتلىرىدە بۇ ئاسارە - ئەتىقىلەرنىڭ كاتالوگى بازارغا سېلىنماقتا. بۇ كاتالوگقا "يىپەك يولىنىڭ مەنبەسى __ شىنجاڭدىن يېڭى تېپىلغان جاھاننى زىل - زىلىگە سالغان ئاسارە - ئەتىقىلەر كاتالوگى،" دەپ نام قويۇلغان بولۇپ، 29.90 ياۋرو باھا بېكىتىلگەن. ئالفرىئەد ۋىئەكزورەك ۋە چرىستوپھ لىند تەرىپىدىن تۈزۈلگەن 300 بەتلىك بۇ كاتالوگقا ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىگە ئائىت بولغان ھەر خىل ئاسارە - ئەتىقىلەرنىڭ 300 پارچە رەسىمى كىرگۈزۈلگەن.

بۇ كاتالوگقا كىرگۈزۈلگەن ئاسارە - ئەتىقىلەر ئىچىدە 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان قىممەتلىك يادىكارلىقلارنىڭمۇ ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ھەمدە تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان پۈتۈن ساقلانغان جەسەتلەر ۋە ھەر خىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ جاھاننى لەرزىگە سالىدىغانلىقى تەپسىلىي ئىزاھلانغان.
تۆۋەندە باش شىتابى گېرمانىيىنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدە بولغان "شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى" تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ئاسارە - ئەتىقىلەر ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئاڭلايسىلەر. (ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىستان داۋاسىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى - مۇستافا چۇقاي
- مەھمۇت قەشقىرى يىلى ۋە 1000 ئالتۇن مۇكاپات
- تاجىكىستانلىق ئالىم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە كىتاب يازدى
- گېرمانىيىدە خەلقئارالىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
- كروران پەقەت ئىنسانلاردىن يىراق بولغاندىلا ساقلىنىپ قالالايدۇ
- تۈركىيىنىڭ رادىكال گېزىتى ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى
- يىپەك يولىدىكى زىيارەت خاتىرىسى
- شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى-ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس سەھىپە
- سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نامايەندىسى ئابدۇللا روزى باقېيىف توغرىسىدا سۆھبەت (1)
- شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ ئىنستىتۇتىنىڭ 'ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ئورگان' بولغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرىنىڭ باھاسى (2)
- ئۇيغۇر خەلق مۇزىكا دۇردانىلىرى" خەلقارا مېدالغا ئېرىشتى
- بېرلىندا يىپەك يولى مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى









