يىپەك يولىدىكى زىيارەت خاتىرىسى


2007.12.03

YipekYoliKaravan-200.jpg
يىپەك يولىدىكى كاراۋان. 2007 - يىلى 24 - ئۆكتەبىردە، دۇنخۇئاڭدا تارتىلغان. AFP Photo

11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى "يىپەك يولىدىكى زىيارەت خاتىرىسى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

بۇ فىلىم دۇنخۇئاڭدىكى ئۇيغۇر بۇددىزم مەدەنىيىتىنىڭ يالدامىلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن باشلانغان. مەلۇمكى، دۇنخۇاڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ بىر قىسمى بولۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ نەققاشلىق ۋە ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرى بىر قەدەر ئېنىق ساقلىنىپ قالغان جايلارنىڭ بىرى ئىدى. فىلىمدە ھەر يىلى كۆپلىگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەردە زىيارەتلەر ئېلىپ بارىدىغانلىقى، بۇ ماكاننىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۇچادىكى مىڭ ئۆيمۇ تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاپ - ئوقۇبەتلىرى تەسۋىرلەنگەن

"يىپەك يولىدىكى زىيارەت خاتىرىسى" ناملىق فىلىمدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن تېمىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى كەڭ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ 1949-يىلىدىن كېيىنكى ئازابلىق تۇرمۇشى ئاساسى سالماقنى ئىگىلىگەن.

بېيجىڭدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن قاتتىق سىياسىي بېسىم ئاستىدا قالغانلىقى، دىنىي ئېتىقادىنىڭ بوغۇلىۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن. ئەلمىساقتىن تارتىپ كۆپ پەرزەنتلىك بولۇپ ياشاش ئادىتىگە ئىگە بولغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ بۇ مىللەتنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر قول ھۆنەرۋەنچىلىكىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ كۆپلىكى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە مۇساپىر خەلققە ئايلىنىپ قالغانلىقى، ئۇلار ئۈچۈن جان بېقىشنىڭ كۈنسېرى مۈشكۈللىشىۋاتقانلىقى قاتارلىق ھەر ساھە مەزمۇنلار يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ئۆز ھەققىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ

بىر تۈرك زىيالىيسى ئۆزىنى قۇدرەتلىك ۋە زامانىۋى كۆرسىتىۋاتقان خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان نامراتلىق ۋە زۇلۇملارنىڭ بۇ دەرىجىدە يۇقىرىلىقىنى ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانلىقىنى، بۇ فىلىمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرگەندىن كېيىن، خىتايغا قارىتا چۈشەنچىسىدە بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ئەگەر خىتاينى باي ۋە زامانىۋى دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇنى باي ۋە زامانىۋى قىلغان نەرسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىقلىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك ئىدى.

خىتايدىكى ھەر بىر ئۈلۈش تەرەققىياتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققى بار. ئەپسۇسكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقسىزلىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنى ئەڭ قاتتىق رەۋىشتە باستۇرىۋاتىدۇ" دېدى ۋە يېقىندىلا قەشقەردە ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ئالتە نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ھەققىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خارابلاشقان قەشقەر

"يىپەك يولىدىكى زىيارەت خاتىرىسى" ناملىق فىلىمدە نۇقتىلىق ھالدا قەشقەردىكى نامرات ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ئىپادىلەنگەن. قەشقەرنىڭ ئىلگىرى مەركىزى ئاسىيانىڭ سودا مەركىزى، يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغانلىقى، ئەلمىساقتىن مەشھۇر سودا مەركىزى بولۇپ كەلگەن بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ بۈگۈن خارابلاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

قەشقەردىكى ئۇلاغ بازىرىدىكى كۆرۈنۈشلەر، كىشىلەرنىڭ ئۇستۇرا بىلەن چاچ ئالدۇرۇش ئادەتلىرى، ئىپتىدائىي شەكىللەردە ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىنى ياساشلىرى، يايمىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشلىرى، قالاق ئىشلەپ چىقىرىش شەكىللىرى قاتارلىق ھايات ئادەتلىرىنى كۆرسىتىپ، بۇ يەرگە تەرەققىيات دېگەن نەرسىنىڭ يېقىن كەلمىگەنلىكىنى، ئەينى زامانلاردا مەدەنىيەت ھەم تەرەققىياتنىڭ بۆشۈكى بولغان بۇ يۇرت خەلقىنىڭ بۈگۈن ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ھاياتلىق ھالىتىگە چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.

خىتاي شەھەرلىرىدىكى ھەشەمەتلىك تۇرمۇش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىچارە ھالەتلىرى سېلىشتۇرۇلۇپ، بۇ زېمىندا داۋام قىلىۋاتقان مىللىي زۇلۇمنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكى ئىزاھلانغان.

ياۋروپالىقلار كەسمە چۆپنى ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەنگەن

"يىپەك يولىدىكى زىيارەت خاتىرىسى" ناملىق فىلىمدە يەنە، مەشھۇر ساياھەتچى ماركوپولونىڭ 1274 - يىلى قەشقەرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان لەغمىنىگە ئېغىز تەككەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مىللىي تامىقىنى ئىتالىيىگە ئەكىلىپ، ياۋروپادا كەسمە چۆپنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغانلىقىنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرى قاتارىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان ئىپارخان ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە ئۇنىڭ قەشقەردىكى قەبرىسىنىڭ زىيارەت خاتىرىسىنى كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نامرات تۇرمۇشى

ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالى بۇ فىلىمدە ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى بولغان. ھېچقانداق بىر زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسىگە ئېرىشەلمىگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ، يىل بويى تارتقان جاپاسىغا يارىشا ھەققە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ يىللىق كېرىمىنىڭ 120 يېۋروغا يەتمەيدىغانلىقى كۆرسىتىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىكلىرىنىڭ دەلىل - ئىسپاتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىق تۇرمۇش ھالەتلىرى ھەققىدىكى بۇنداق فىلىملەرنىڭ كۆپلەپ كۆرسىتىلىشى، گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ خىتاينى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كەڭ تونۇلىشىغىمۇ تۈرتكە بولماقتا. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.