يوپۇرغا يېزىسىغا چاپلانغان ۋاراقچە

0:00 / 0:00

يېقىندا قەشقەردىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دېھقان، يوپۇرغا ناھىيىسىدە ئۈچ يىلدىن بېرى يۈز بېرىۋاتقان ناھەقچىلىكلەرگە چىداپ تۇرالماي، بىزگە تېلېفون قىلىپ خەلقنىڭ ھالىنى يەتكۈزمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

گۇناھسىزلارنىڭ تۆلىگەن جەرىمانىلىرى قايتۇرۇپ بېرىلمىگەن

بىز بۇ كىشىنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن، مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش مەقسىتىدە يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى يېزىلارغا قارىتىپ تېلېفون قىلدۇق. بىر قانچە دېھقاننىڭ ئىنكاسلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2003 - يىلى -6 ئاينىڭ -19 كۈنى تېرەم يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات تاختىسىغا خەت چاپلاش ۋەقەسىنى يەرلىك ساقچىلار تېرەم يېزىدىكى بۆلگۈنچىلىك دېلوسى دەپ بېكىتىپ، شۇ كۈنىدىن باشلاپ خۇشخەت يازالايدىغان، دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك گۇمانلىق دەپ قارالغان دېھقانلارنى جىنايەت گۇماندارلىرى قاتارىدا تۇتۇپ، بۇ جەرياندا بىرەر مىڭغا يېقىن كىشىنى تۇتۇپ سولىغاندىن باشقا كۈنلۈكىگە 35 يۈئەندىن جەرىمانە ئالغان، بۇ ئارىدا ھېيتاخۇن ھوشۇر ئىسىملىك بىر ياشمۇ، خەت پوچىركىسى ۋارەقچىدىكى خەتكە ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ سوراق قىلىنغان. 130 كۈندىن كېيىن بۇ ياشنىڭ مەزكۇر دېلو بىلەن ئالاقىسى يوقلىقى ئېنىقلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇ تۆلىگەن بىر نەچچە مىڭ يۈئەن جەرىمانىنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن.

يېقىندا مەزكۇر دېلونىڭ تېرەم يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ھەم ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن. ئەمما بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلگىرى سولانغان دېھقانلارنىڭ تارتقان زىيانلىرىنىڭ سورىقى بولمىغان، روھىي، جىسمانىي ھەم ئىقتىسادى جەھەتلەردىن ناھەق زىيانغا ئۇچرىغۇچى دېھقانلار مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە ئەرز قىلىپ كۆرگەن بولسىمۇ، ئەرزنى ھېچكىمگە ئاڭلىتالمىغان.

دېھقانلارنى ئاساسسىز قاخشاتقان ساقچى ئۆستۈرۈلگەن

ئەكسىچە، ئەسلى تېرەم يېزىلىق ساقچى پونكىتىنىڭ جىنايى ئىشلار ساقچىسى، مەزكۇر بۆلگۈنچىلىك دېلوسىغا مەسئۇل بولغان، قالايمىقان جەرىمانە يىغىپ دېھقانلارنى تۇتقۇن قىلىپ جاق قاقشاتقان تۇرغۇن خۇدابەردىنىڭ يېقىندا خىزمەت كۆرسەتتى دەپ يوپۇرغا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە سىياسىي كومىسسار قىلىپ ئۆستۈرۈلگەنلىكى دېھقانلارنىڭ غۇرۇرىغا تېخىمۇ قاتتىق تەگكەن بولۇپ، ئۇلار بىگۇناھ سولانغاندىنمۇ بەكرەك خورلۇق ھەم ناھەقچىلىك ھېس قىلغان.

بىر دېھقاننىڭ ئېيتىشىچە، تۇرغۇن خۇدابەردى، ئۈچ يىل جەريانىدا يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى تېرەم يېزىسى، ئاچچىق يېزا، يوپۇرغا يېزىلىرىدىكى مىڭلارچە دېھقاندىن بىر نەچچە يۈز مىڭ يۈئەن پۇل يىغىۋالغان.

بىز يوپۇرغىدا يۈز بەرگەن شۇنداقلا تېخى ھەل بولمىغان مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە تېرەم يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ مەزكۇر دېلوغا مەسئۇل تۇرغۇن خۇدابەردىنى سۈرۈشتە قىلدۇق.

بىز يەنە، يوپۇرغا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ مەزكۇر دېلونىڭ تەرەققىياتىنى سورىدۇق، تېلېفوننى ئالغان بىر خىتاي ساقچى تېرەمدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى "بۆلگۈنچىلىك دېلوسى دەپ ئېتراپ قىلغان بولسىمۇ ئاخىرىدا بىزنىڭ ئامېرىكىدىن تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن يەنە ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئىنكار قىلىپ بۇنداق ئىش يۈز بەرمىدى، بۇنى سىلەر نەدىن بىلدىڭلار؟ بۇ ھەقتە ساڭا ھېچقانداق جاۋاب يوق" دېدى.

مەخپى تۇتۇپ كېلىنگەن ۋەقە

دېھقانلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر مەسىلىنى يەرلىك ھۆكۈمەت ھەمدە ساقچى دائىرىلىرى سىرتتىن ئىنتايىن مەخپىي تۇتۇپ جىددىي تەكشۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ نۇرغۇن بىگۇناھلارنىڭ مۇشۇ باھانىدا تۇتۇلۇپ سولانغان ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان. بىز تېرەم يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن مەزكۇر ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ تۇتۇلغان ئوقۇتقۇچى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىدۇق.

بىز خەلقنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسلىرىغا ئاساسەن ۋەقە ئاساسلىق يۈز بەرگەن تېرەم يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلدۇق، تېلېفوننى ئالغان مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئۆزىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارنىڭ ئىپادىسىدىن مەلۇمكى، دېھقانلارنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە نىسبەتەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى سىرتقا ئاشكارىلىماسلىق ئىچىدە قاتتىق بېسىم قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئېنىقلاۋاتقان بولۇپ، مەسىلە تېخى رەسمىي ئېنىقلانمىغان ھەم بىر تەرەپ قىلىنمىغان. بىراق بۇ ۋەقەنىڭ يەنىمۇ ئېغىر ناھەقچىلىك مەسىلىگە ئايلىنىشىدا باش رول ئوينىغان، دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان كىشى- ساقچى تۇرغۇن خۇدابەردى تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا يەنى ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشكە مەسئۇل سىياسىي كومىسسارلىقىغا ئۆستۈرۈلدى، دېھقانلاردىن يىغىلغان جەرىمانىلەرنىڭ ئىزى يوق، بىگۇناھ سولانغانلىقىنىڭ جاۋابى يوق، ئەڭ مۇھىمى ئەرز قىلىش نىيىتىگە كەلگەن دېھقانلارنىڭمۇ بۇنىڭ بىلەن ئەرزنى ئاقتۇرۇشقا تېخىمۇ ئۈمىدى يوق. (گۈلچېھرە)