يوپۇرغىنىڭ ئېشەك بازىسىغا ئايلىنىشى يەرلىك دېھقانلارغا نېمە ئېلىپ كەلدى؟


2007.09.06

IshekHarwa-200.jpg
كۆپىنچە ئۇيغۇر دىھقانلىرىنىڭ بىردىن - بىر قاتناش قورالى ئىشەك ۋە ئىشەك ھارۋىسى. Photo by RFA

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر يوپۇرغا ناھىيىسىنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئېشەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ ، بۇ يۇرتقا "ئېشەك يۇرتى" دەپ نام بەرگەنلىكىدىن خەۋىرىڭىز بولسا كېرەك . ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، خىتاي شىركەتلىرى بۇ يىل يوپۇرغىدا ئېشەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا يەنە 70 مىليون يۇەن مەبلەغ سېلىشقا كېلىشىم تۈزگەن . ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا ، يوپۇرغىدا قۇرۇلغان ئېشەك فېرمىسى ھەمدە بارلىق ئېشەك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ مەبلەغ سالغۇچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ ، ھەتتا بۇ فېرمىلارنىڭ ئىشچىلىرىمۇ ئاققۇن خىتايلار ئىكەن .

ئۇنداقتا ، يوپۇرغا ئېشەك يۇرتىغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ، يەرلىك دېھقانلارغا قانچىلىك مەنپەئەتى تەگدى ؟

يوپۇرغا يەنىمۇ كەڭ ئېشەك بازىسىغا ئايلانماقچى

تەڭرىتاغ تورى بۇ ھەپتە، 16 - نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە ، خىتاينىڭ بەزى شىركەتلىرى يوپۇرغا ئېشىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە 20 مىليون ، ئېشەك گۆشى ۋە ئېشەك يېلىمى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرلىرىگە 50 مىليون يۇەن بولۇپ ، جەمىي بۇ تۈرگە 70 مىليون يۈەنلىك مەبلەغ سېلىش توختىمى تۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. خىتاي دائىرىلىرى 2000 - يىلى يوپۇرغا ئېشىكىنىڭ ئالاھىدە سۈپەتلىكلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن 2001 - يىلى يوپۇرغا ناھىيىسىگە مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ يوپۇرغا ئېشىكى مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە باشلىغان ئىدى.

2003 - يىلى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئېشەك يىلىمى ئىشلەيدىغان شەندۇڭ دوڭئې ئېشەك يېلىمى زاۋۇتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تەستىقى بىلەن، يوپۇرغىنى مەخسۇس خام ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان نۇقتىلىق ئېشەك بازىسىغا ئايلاندۇرۇشقا باشلىغان. شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن يوپۇرغا ناھىيىسىدە ئېشەك گۆشى ، ئېشەك سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى كەينى ‏- كەينىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىغان. گەرچە ئۇيغۇرلار ئېشەكنى قاتناش قورالى ۋە ئەمگەك قورالى سۈپىتىدە ئۆيدە بېقىپ ئىشلەتسىمۇ ، ئەمما ئېشەك گۆشىنى ۋە ئۇنىڭ ھەر قانداق مەھسۇلاتىنى ھارام دەپ ئىستىمال قىلمايدۇ . ئەمما خىتايلاردا بولسا ئاسماندا سۇمرۇغ گۆشى يەردە ئېشەك گۆشى مەززىلىك" دەيدىغان سۆز بولۇپ ، ئېشەك ئۇلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان قىممەتلىك يىمەكلىكى ھېسابلىنىدىكەن. ئېشەك سۈتىنى ئىستىمال قىلغاندىن باشقا ، ئېشەكنىڭ باشقا ئەزالىرى ھەمدە تېرىسىنىمۇ دورا ۋە گىرىم بويۇملىرىنى ياساشقا ئىشلىتىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يوپۇرغا ئېشىكىدىن يەنىمۇ يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ، يوپۇرغىدا ئېشەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەشكە مەبلەغ سالغۇچىلارغا باجدا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشكە ئوخشاش سىياسەتلەرنى قوللىنىپ كەلمەكتە. 2005 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتى بولغان يوپۇرغىغا " ئېشەك يۇرتى" دەپ نام بەردى.

يوپۇرغا ئېشىكىدىن كىرگەن مىليونلاپ پايدا كىمگە؟

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە ، يوپۇرغا ئېشەك بازىسىغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن يەرلىك دېھقانلارغا ناھايىتى زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن. بىز بۇ ھەقتە يوپۇرغا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھەمدە يېزىلاردىكى دېھقانلاردىن ئەمەلىي ئەھۋال ئېلىشقا تىرىشتۇق ، يوپۇرغا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا ئۇلانغان تېلىفونىمىزغا ، ئىشخانا كاتىپى رېن ئاكتىپلىق بىلەن جاۋاب بەردى.

بۇ كاتىپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، يوپۇرغا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس ئېشەك بازىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن مەبلەغ چاقىرىش ئىشخانىسى تەسىس قىلغان بولۇپ ، ھازىرغىچە خىتايدىكى يەتتە شىركەت بۇ ناھىيىگە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت ۋە فېرما قۇرغان . ھۆكۈمەت بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يەرلىشىش ئىشلىرىدا ۋە باج قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردە ئالاھىدە ئېتىبارلار بېرىدىكەن. ئىشلەپچىقىرىلغان ئېشەك مەھسۇلاتلىرى خىتاي ئۆلكىلىرى ھەمدە چەتئەل بازىرىدا بارغانچە بازار تېپىپ داڭلىق مەھسۇلاتلارغا ئايلانغان.

ئۇ يەنە ، بۇ يىل سېلىنغان 70 مىليون يۇەن مەبلەغنىڭ ئاساسەن ئېشەك فېرمىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ۋە ئېشەك سۈتى پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرىگە سېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز بۇ كاتىپتىن بۇ ناھىيىدە ئېشەك فېرما ۋە زاۋۇتلارنىڭ كۆپىيىشى يەرلىك ئاممىغا قانداق مەنپەئەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ "يوپۇرغىدا ئېشەك فېرمىلىرى ھەم ئېشەك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن دېھقانلار ئېشەك سۈتىنى ھەم ئېشەكنى سېتىپ ئىقتىسادى پايدا كۆرۈۋاتىدۇ، زاۋۇتلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىۋاتىدۇ " دېدى.

ئېشىكى يوق موللامنىڭ قۇلىقى تىنچ

بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى يوپۇرغىغا ئېشەك يۇرتى نامى بېرىلگەنلىكى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىمىزدا ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان قەدىمىي يۇرت يوپۇرغىغا ئېشەك يۇرتى دەپ نام بەرگەنلىكىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن "بۇ نام ئۆرپ ‏- ئادەت، دىنىي ھەم مىللىي ئەقىدىلىرىگە قىلىنغان ھاقارەت دېگەن نارازىلىقلارنى پەيدا قىلىپ قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنكاسلارنى ئاڭلاتقان ئىدۇق . يوپۇرغىنىڭ يېزىلىرىدىكى دېھقانلاردىن ئىگىلىشىمىزچە ، يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ئېشەك يۈرتىغا ئايلاندۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەم دىنىي ھېسسىياتىغا زەربە بېرىپلا قالماي، يەنە يەرلىك دېھقانلارنى ئىقتىسادىي جەھەتلەردىنمۇ ئېغىر زىيانلارغا ئۇچرىتىپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، يوپۇرغىنىڭ ئېشەك بازىسىغا ئايلاندۇرۇلۇشى يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى دېھقانلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئاڭلايسىز. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.