خىتايدىكى دوختۇرخانىلار كۆپ ساندىكى بىمارلارنىڭ ئۆلۈم ئارخىپىنى يوشۇرىدۇ

0:00 / 0:00

خىتايدا ئەزەلدىن خوشاللىق خەۋەرنى مەلۇم قىلىپ، قايغۇلۇق خەۋەرنى يوشۇرىدىغان بۇخىل بولمىغۇر مەدەنىيەت مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ھەمدە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ خىل ھالەت باشقىچە ئىپادىلىنىشكە باشلىغان.

بىمارلارنىڭ ئۆلۈم ئارخىپىنى يوشۇرۇش ئەھۋالى ئېغىر

مەسىلەن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ تارقاتقان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتاينىڭ كۆپ ساندىكى دوختۇرخانىلىرىدا، بىمارلارنىڭ ھەقىقى كېسەل ئەھۋالىنى ئاشكارىلىماي، ھەتتا ئۆلۈم ئارخىپىنى يوشۇرىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئومۇملاشقان.

يېقىندا خىتايدا دوختۇرخانىلارنىڭ، بىمارلارنىڭ ئۆلۈم ئارخىپىنى يوشۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان 130 دىن ئارتۇق دوختۇرخانىلارنىڭ 3 تىن1 قىسىم بىمارلارنىڭ ئۆلۈم ئارخىپى پۈتۈنلەي مەخپى تۇتۇلغان بولۇپ 20 % تىن ئارتۇق دوختۇرخانىلار بىمارلارنىڭ ئۆلۈم ئارخىپى ھەققىدە ئەزەلدىن ھېچقانداق مەلۇمات بېرىپ باقمىغان.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھازىر يېڭى تۈردىكى قۇش زۇكۇمى ۋىرۇسنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا. مەزكۇر دوكلاتتا ئاشكارىلانغان مەسىلىلەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەرنىڭ خىتايدىن تارقالغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە بولغان ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچەيگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى نۇقتىلىق سەھىيە كرىزىس مەسىلىلىرىدە، خەلقئارادا كۆپ قېتىم تەنقىدكە ئۇچرىغان. مەسىلەن 2002 - يىلىدىكى سارس مەسىلىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپكى مەزگىلدە ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغانلىقتىن، دۇنيادا خەلقنى ئىنتايىن جىددىيلەشتۈرگەن. كېيىن ئۆكتىچى دوختۇر جاڭ يەن يۈڭنىڭ ۋىجدان بىلەن باتۇرلارچە بەرگەن ئىسپاتى ئالدىدا، ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

ئۆلۈم ئارخىپىنى يوشۇرۇش، يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كونترول قىلىشقا تەسىر كۆرسەتكەن

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا قاتتىق نارازى بولۇپ، يېقىندا 2003 ‏- يىلىلا خىتايدا گۇمانلىق دەپ قارالغان قۇش زۇكۇمى ئارخىپى ھەققىدە، ئىسپات بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى 8 ‏- ئاينىڭ 8 - كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، قۇش زۇكۇمى كېسەل ۋىرۇسنىڭ ھەقىقەتەن 2003 ‏- يىلى 11 - ئايلاردا تۇنجى قېتىم خىتايدا پەيدا بولغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان. دېمەك خىتايدىكى قۇش زۇكىمىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە پەيدا بولغان ۋاقتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن ۋاقىتتىن توپ -توغرا ئىككى يىل ئىلگىرى بولغان.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى "دوختۇرخانىلارنىڭ بىمارلارنىڭ ئۆلۈم ئارخىپىنى يوشۇرۇش قىلمىشى ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش خىزمىتىگە زور تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ" دەپ، بۇ خىل يوشۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ خىتايدا ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

ۋەتەندىكى چېغىدا ئۇزۇن يىل دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن ھازىر گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەھمەت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت مېدىتسىنا ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا جەھەتلەردىمۇ داۋاملىق ساختىلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مېدىتسىنا ساھەسىدىكى بۇ خىل ئالدامچىلىق قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا جىددى- چارە تەدبىرلەرنى قوللانمايدىكەن، ئۇنداقتا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن" دەپ بىلدۈردى.