ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ گۆشى بايقالدى


2007.03.20

16 ‏- مارت كۈنى خەلقئارا ئۇچۇر تورىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى كۈيتۈن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن يەرلىك سۈپەت تەكشۈرۈشكە مەسئۇل تارماقلار بىرلىكتە كۇيتۇڭ شەھەرلىك ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدە بىر توننىغا يېقىن قانداق كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى ئېنىق بولمىغان ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ گۆشىنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ئىكەن.

ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھايۋان گۆشلىرى بازاردا

مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەسلىدە بۇ بىر توننىغا يېقىن قانداق كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى ئېنىق بولمىغان ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ گۆشىنى لىن ۋە ليۇ فامىلىلىك ئىككى نەپەر خىتاي چۆچەك رايونىدىن ئەكىلىپ كۇيتۇڭ بازىرىدا ساتماقچى بولغان ئىكەن. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى كۇيتۇڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇمانىنى قوزغىغانلىقتىن ئۇلار ئۆز مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. خەۋەردە يەنە ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بۇ ئۆي ھايۋانلىرى تۆت ئات، بىر كالا ۋە يىگىرمىدىن ئارتۇق قوينى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى مەلۇم قىلىنغان.

بۇندىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چۆچەك ۋە ئالتاي رايونلىرىدىكى مال -چارۋىلار ئارىسىدا، بىر تۈرلۈك ئاياغ- تۇياق ياللۇغى ناملىق كېسەل تارقالغان. لېكىن يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كېسەللىك تارقىلىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلىماي مەخپىي تۇتقانلىقتىن، مەزكۇر كېسەلنىڭ تارقىلىش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، چارۋىچىلار ۋە ئىستىمالچىلارغا زور زىيان ئېلىپ كەلگەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان چۆچەك رايونىدىكى بىر خىزمەتچى خانىم بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى مەزكۇر جايدا 300 دىن ئارتۇق كېسەل كالىنىڭ مەجبۇرىي ئۆلتۈرۈلۈپ كۆمۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ۋەقەدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خەلق ئىچىدىكى ئەندىشە

كۇيتۇڭگە ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بۇ 1 توننا ئەتراپىدىكى ئۆي ھايۋانلىرى گۆشىنىڭ كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى بۇ ۋەقەدىن تور ئارقىلىق خەۋەردار بولغان ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىمۇ ئىلگىرى تارقالغان كالا تۇياق ياللۇغى كېسىلىنىڭ يەنە بىر قېتىم تارقىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، كالا گۈشى ھەتتا كالا سۈتىمۇ ئىچمەيدىغان بولغان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئايال "گەرچە بۇ ھەقتە رادىئو، تېلىۋىزورلاردا تېخى ئوچۇق ‏- ئاشكارا خەۋەر بەرمىگەن بولسىمۇ، كىشىلەر ئارىسىدا بۇ خەۋەر تارقىلىپ بولدى، كالا گۆشىنى ھېچكىم يېمەس بولدى، كىشىلەر ھەتتا كالا سۈتۈنىمۇ ئىچمەس بولۇپ كەتتى" دەپ بىلدۈردى.

بىز كۇيتۇڭدە كۆيدۈرۈۋەتكەن بۇ ئۆي ھايۋانلىرىغا يۇققان كېسەلنىڭ زادى قانداق كېسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن كۈيتۈن شەھەرلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق. لېكىن مەزكۇر ئىدارە خادىملىرى بۇ ھەقتە بىۋاستە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ "پەقەت توخۇلار ئارىسىدا ئانچە -مۇنچە كېسەل تارقالغان، قوي‏- كالىلاردا تېخى كېسەل كۆرۈلمىدى" دەپ جاۋاب بەردى.

ئەمەلىيەتنى ئېيتىشقا تەستىق كېرەك

بىز بۇ قېتىم كۇيتۇڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىرلىكتە كۆيدۈرىۋەتكەن بۇ ئۆي ھايۋانلىرىغا يۇققان كېسەلنىڭ زادى قانداق كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، كۇيتۇڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، كۈيتۈڭ ھايۋاناتلار كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە مەزكۇر دېلونى ئېنىقلاۋاتقان كۇيتۇڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ چارلىغۇچى ئەترىتى قاتارلىق ئورۇنلارغىمۇ تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر دېلوغا مەسئۇل بولغان جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ چارلىغۇچى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپلا ئۆزىنىڭ يۇقىرىنىڭ تەستىقىسىز بۇ ھەقتىكى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆي ھايۋانلىرىغا يۇققان زادى قانداق كىسەل؟ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوي ۋە كالىلار ئارىسىدا ئىلگىرىكىدەك كالا تۇياق ياللۇغى تارقىلىۋاتقانمىدۇ؟ بىز بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، 16 ‏- مارت كۈنى خەلقئارا ئۇچۇر تو بېتىدە كۇيتۇڭدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغان كۇيتۇڭ شەھىرىنىڭ مۇخبىرى جاۋ لىجۈئەن خانىمنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تېپىپ داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈشنى مەقسەت قىلدۇق. لېكىن جاۋ لىجۈئەن ئىسىملىك بۇ مۇخبىر " مەن بولسام ئاددىي بىر مۇخبىر. مەن رەھبەرلىكنىڭ رۇخسىتىسىز، بۇ ھەقتە سىزگە داۋاملىق ئۇچۇر بېرەلمەيمەن" دەپ جاۋاب بەردى.

دېمەك، كۇيتۇڭدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر گەرچە بىر توننا ئەتراپىدىكى گۇمانلىق گۆشنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۆي ھايۋانلىرىغا قانداق كېسەللىك يۇققانلىقىنى يەنىلا مەخپىي تۇتقانلىقتىن، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەنسىزلىك تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.