ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەب نەدە؟
ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى سەھىيە نازارىتىنىڭ دوكلاتىنى ئاساس قىلىپ بەرگەن خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە 10 خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىدا ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈنگەن.
10 خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىدا 6 ھەسسە ئۆرلەش كۆرۈلگەن
سەھىيە نازارىتىنىڭ دوكلاتىدا ئاشكارىلىشىچە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئىچىدە، پۇت-قول ۋە ئېغىز-بۇرۇنلارغا ئەسۋە چىقىش ئەھۋالى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 6 ھەسسە يۇقىرى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، قىزىل، كۆكيۆتەل قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈش بولغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تېببىي مۇتەخەسسىسلىرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنى ، ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولماسلىقى، دورا-دەرمەكلەرنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىقلار دىن ئىزدەش مۇمكىن ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن تەييارلانغان مەزكۇر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە قول-پۇتلارغا ئەسۋە چىقىپ قېلىش، قاتارلىق 10 خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىدا 6 ھەسسە ئۆرلەش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا قىزىل، كۆكيۆتەل، قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىدىمۇ مۇئەييەن ئۆرلەش كۆرۈلگەن.
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 6 مىڭ بولۇپ كۈنىگە 17 دىن كۆپەيگەن
يۇقىرىقى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن باشقا، ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر مەۋجۇت ۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغان يۇقۇملۇق كېسەللەردىن، ئەيدىز كېسىلى، ئا تىپلىق ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى، ئۆپكە تۇبېركۇليوز( سىل كېسىلى) قاتارلىقلار بار.
بوشۈن تورىنىڭ 2006-يىلى 12 - ئايدىكى مەلۇماتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە 2005- يىلى 9 - ئايدىن 2006- يىلى 9 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 6 مىڭ بولۇپ كۈنىگە 17 دىن توغرا كەلگەن.
ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان دوكتۇر مۇھەممەت ئىمىن دوختۇر، يۇقۇملۇق كېسەللىك ھەققىدە مۇئەييەن چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى ۋە كېسەللىكىنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ يەنە، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە توختىلىپ، گەرچە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇتلەق مۇداپىئە كۆرۈش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان تەقدىردىمۇ، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتۇر مۇھەممەت ئىمىن دوختۇر، ھازىر خىتايدىكى ئالدىنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بىر قىسىم يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يامراپ كېتىشىدە خىتايدا ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرىنىڭ سىستېمىلىق بولماسلىقى، ئولچەملىك، سۈپەتلىك ۋاكسىنىنىڭ ئىشلىتىلمەسلىكى ۋە ياكى ئىشلىتىلگەن تەقدىردىمۇ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن، سۈپىتى ئۆزگەرگەن ۋاكسىنىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭمۇ مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا بانكىسىنىڭ 'خىتايدا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە تۆلىنىۋاتقان بەدەل' دېگەن دوكلاتى ھەققىدە ئىنكاسلار
- خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى مۇھىتنى بۇلغىسا خەلق بەدەل تۆلەمدىكەن؟
- "ئەيدىز ئاشخانىلاردا "دىن ساراسىمگە چۈشۈشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟
- غەرب مەتبۇئاتلىرى خىتاينى يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى ياخشىلاشقا مەجبۇرلىماقتا
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان داۋالاش ئىسلاھاتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى "ئامانتىدىن" نى ئۆي قۇشلىرىغا ئىشلىتىشكە تەرغىپ قىلغانلىقىنى رەت قىلدى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەجەللىك قۇش زۇكامى بايقالدى
- خىتايدا قۇش زۇكىمى ۋىروسى تارقالدى
- "5 - نومۇرلۇق كېسەل" نىڭ " تۇياق- ئېغىز ياللۇغى" ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى چارۋىلاردا تارقالغان كېسەللىك ۋە "تۇياق - ئېغىز ياللۇغى"
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە چارۋا ماللارغا كېسەل تارقالغانلىقىنى يۇشۇرماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا چارۋا - ماللارغا غەيرى كېسەللىك تارقالدى