0:00 / 0:00
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ھارماس جەڭچىسى، مەشھۇر كومپوزىتور، شائىر ۋە ناخشىچى كۈرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ ۋاقىتسىز بۇ ئالەمدىن ئايرىلىشى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئەمدىلا 47 ياشقا كىرگەن قىران پەيتىدە قازا قىلىشى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قايغۇغا چۆمدۈردى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر دوختۇر مەمتىمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچىمۇ، ياش چەكلىمىسى بويىچە 60 ياش، ياش ھېسابلىنىدىغان بۈگۈنكى دەۋىردە مەرھۇمنىڭ ھاياتى تولىمۇ قىسقا بولۇپ، بۇنى ھېچقانداق ئادەم ئاسان قوبۇل قىلالمايدىكەن.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەمتىمىن دوختۇرنى زىيارەت قىلىپ، ھاياتنى ئۇزارتىش ئۈچۈن بولۇپمۇ يۈرەك كېسىلىگە ئوخشاش كېسەللىككە گىرىپدار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتۇق.