0:00 / 0:00
8-ئاۋغۇست كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي مىللىي بىرلىكسېپىنىڭ رەئىسى، تارىخچى يۈسۈپ مۇخلىسى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، مەرھۇمنىڭ نامىغا نەزىر بېرىلدى.
پائالىيەتكە قاتناشقان ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا، مەرھۇم يۈسۈپ مۇخلىسىنىڭ سەپدىشى ئابدۇراززاق ھاجىم ۋە مۇزەممىل مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابباس قارىھاجىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ يۈسۈپ مۇخلىسى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدى.