يۈسۈپبەك مۇخلىسى ۋاپاتىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇمنىڭ ئەھمىيەتلىك ھاياتى پائالىيەتلىرى ئەسلەندى

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسى يولىدا بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان، يازغۇچى، تارىخچى يۈسۈپبەك مۇخلىسى ۋاپاتىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بۇ ھارماس مۇستەقىللىق كۈرەشچىسىنىڭ ھاياتىدا قىلغان ئەھمىيەتلىك ئىشلىرى ئەسلەنمەكتە. 1992 - يىلى ئالما - ئاتىدا چاقىرىلغان خىتاينىڭ لوپنۇرنى ئاتوم سىناق مەيدانى قىلغانلىقىغا قارشى ئېچىلغان خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا يۈسۈپبەك مۇخلىسى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن.

بۇ ھەقتە مەرھۇم بىلەن بىر سەپتە ئىشلىگەن ئازات ھېكىمبەك ئەپەندى قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يۈسۈپبەك مۇخلىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى.