ئۇيغۇرلاردا زاكات ئۇقۇمى


2007.08.31

ئۇيغۇرلاردا بايلارنىڭ ھەر يىلى جەمئىيەتتىكى كەمبەغەللەرنى يۆلەش مەقسىتى بىلەن ئۇلارغا زاكات بېرىشتەك ئېسىل ئەنئەنە بار بولۇپ، بۇ مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار زاكاتتىن ئىبارەت مۇشۇ پەرز سايىسىدا كەمبەغەللەرگە ياردەم قولىنى سوزۇشنى دىنىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيەت دەپ تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا زور ئەھمىيەت بېرىدۇ.

زاكات- مۇسۇلمانلارغا نامازدىن كېيىنلا بۇيرۇلغان پەرز ۋە مۇھىم ئىجتىمائىي ئىبادەتتۇر. قۇرئان كەرىمدە زاكات نەچچە ئونلىغان ئورۇندا "زاكات"، "سەدىقە"، "نەپىقە" ۋە "ئېھسان" دېگەن ئاتالغۇلار بىلەن بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى زاكاتنى ئادا قىلىشقا ئەمر قىلىپ، بەقەرە سۈرىسىنىڭ 110- ئايىتىدە: "نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قىلغان قانداقلا ياخشى ئەمەلىڭلار بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر" دەپ كۆرسەتكەن.

زاكات بېرىش مىقدارى

ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانچىلىقنىڭ تەلەپلىرى سۈپىتىدە زاكات مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانچىلىق قائىدىسى بويىچە، بىراۋنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە پۈتۈن ئائىلە ئېھتىياجىدىن تاشقىرى 85گرام ئالتۇن كەلگۈدەك پۇل - مېلى بولغان كىشىنىڭ زاكات ئايرىشنى پەرز دەپ بىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئالتۇن، كۈمۈش، خەلق پۇلى، تىجارەت مېلى قاتارلىقلاردىن بۇلارغا ئىگە بولغىنىغا تولۇق بىر يىل تولىشى شەرتى بىلەن % 2.5 نى زاكاتقا ئايرىيدۇ. ئەمما ئاشلىق، مېۋە ۋە كۆكتاتلاردىن % 10نى زاكاتقا ئايرىيدۇ. بۇنى ئۇلار ئۆشرە - خىراج دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆشرە - خىراجنى ھوسۇل ئالغان ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ.

زاكاتنىڭ ئەھمىيىتى

زاكات- بىر- بىرى بىلەن ياردەملىشىدىغان بىر- بىرىنى سۆيىدىغان ئادالەتلىك شەپقەتلىك بىر جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئامىلىدۇر.

چۈنكى، زاكات بايلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن جەمئىيەتتىكى پېقىرلارنىڭ ھالىنى ياخشىلىغانلىقى سەۋەبى بىلەن پېقىرلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى بايلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك ۋە كۆرەلمەسلىك تۇيغۇلىرىنى يېڭىپ بايلار بىلەن پېقىرلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا سۆيگۈ ۋە ھەمكارلىقنى پەيدا قىلىش ۋە دىنىي قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بەختلىك ھايات سۈرۈشىگە كېپىللىك قىلىدىغان بىر ئېسىل ئىبادەتتۇر .

زاكات سۆزىنىڭ مەنىسى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم زاكات سۆزىنىڭ مەنىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "زاكات" سۆزى ئەرەب تىلىدا پاكلاش ۋە ئۆستۈرۈش دېگەن ئىككى مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ ئىككى مەنىنىڭ ھەر ئىككىسىنى بىللە ئىپادىلەش ئۈچۈن "زاكات" سۆزىنى ناھايىتى ھېكمەتلىك ھالدا تاللاپ ئالغان. زاكات پاكلاش مەنىسى بىلەن بايلارنى ئاچكۆزلۈك ۋە بېخىللىقنىڭ كىرلىرىدىن تازىلاپ پاكلايدۇ.

مەردلىك ھەر قانداق كىشى ۋە مىللەت ئۈچۈن ئېسىل ئەخلاقىي خىسلەتتۇر. ئەكسىچە بېخىللىق رەزىل خۇلۇقتۇر. ئۇنىڭ يامان ئاقىۋىتى شۇكى، ئۇ گاھىدا كىشىلەرنى پۇل- ماللىرىغا بېخىللىق قىلىش نەتىجىسىدە نومۇسلىرىنى ئاياق ئاستى قىلىشىغا، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى ھالاك قىلىشىغا، پۇل - مېلىغا ۋە جېنىغا بېخىللىق قىلىپ، ۋەتىنىدىنمۇ يۈز ئۆرۈپ، ئۇنى شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن سېتىۋېتىشكە ئېلىپ بارىدۇ. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىغانكى، بېخىللىققا ئادەتلەنگەن ھېچقانداق ئىنسان ۋە ھېچقانداق مىللەت نىجات تاپقان ئەمەس.

زاكات پاكلاش دېگەندە، يوقسۇللارنى، يېتىم- يېسىرلارنى ئاللاھ تائالا بەرگەن پۇل- مالدىن ئۇلارغا چىقىم قىلىشقا بېخىللىق قىلىدىغان بايلارغا بولغان ئۆچلۈك، ئاداۋەت، كۆرەلمەسلىك ۋە زىددىيەتنىڭ ئىللەتلىرىدىن پاكلايدۇ. زاكات پاكلاش مەنىسى بىلەن بايلارنىمۇ بېخىللىقنىڭ رەزىل ئىللەتلىرىدىن پاكلاشقا قارىتىلىدۇ. بەزىلەر زاكاتنى ئىنكار قىلىپ، ياكى ئۇنىڭدىن قۇسۇر چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمەستىن، تەڭسىزلىكنى ھەل قىلىمىز دېگەن باھانە بىلەن بايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ مال- مۈلكىنى زورلۇق بىلەن تارتىپ ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدە بايلار گادايلىققا يۈزلىنىدۇ. سوتسىيالىزىم دەۋرىدە ئەنە شۇنداق ئەھۋالنى كۆرۈش مۇمكىن. زاكاتنى بەرگۈچىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئادا قىلىۋاتىمەن دېگەن نىيەت بىلەن بېرىدۇ. زاكات بەرگۈچى كىشى ئۆزىنى ئەركىن ۋە ئۈستۈن روھى كەيپىياتتا ھېس قىلىدىغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ ئىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بېخىللىقىنى، ھاۋايى - ھەۋىسىنى، ۋە شەخسىيەتچىلىكىنى يەڭگەن بولىدۇ.

زاكات ئۆستۈرۈش مەنىسى بىلەن زاكات بەرگۈچىلەرنىڭ پۇل - مېلىنى بەرىكەت ۋە ئەجىر - ساۋاب بىلەن ئۆستۈرىدۇ. شۇنداقلا، پېقىرلارغىمۇ دىنىي قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇلارنى يۆلەكسىز تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن ئۇلارنىڭ روھىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

زاكات ئىشلەپچىقىرىشقا توسقۇن ئەمەس

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: " ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن نەرسىسىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. (نەجم سۈرىسى 39- ئايەت).

خەلقىمىزدىمۇ: " ئىشلىگەن چىشلەيدۇ" دەيدىغان ھېكمەت بار. ھالال رىزىق تېپىش يولىدا ئىشلەش ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئەمەللەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە مۆتىۋەر ئىبادەتتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇيرىغان زاكات، ھەج، ئىلىم تەھسىل قىلىش قاتارلىق ئىقتىساد بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەردىن باشقىمۇ پەرزلەرنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈنمۇ ئىنساننىڭ ساغلىقى ۋە بەدەننىڭ كۈچ- قۇۋۋىتى تەلەپ قىلىنىدۇ. مەلۇمكى، تەن ساغلاملىقىنى ۋە بەدەننىڭ قۇۋۋىتىنى ساقلاش ئىشى كۈندىلىك كېرەكلىك يېمەك- ئىچمەكلەرنى تەمىنلەيدىغان ئىقتىسادقا مۇھتاجدۇر. ئىقتىساد پەقەت ئىشلەش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. ئىشلەش تەرەققى قىلىشنىڭ ئالدىنقى ئامىلىدۇر.

شۇڭىمۇ قۇرئان كەرىم پۇل- مال تېپىش ئۈچۈن ئىشلەشنى ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئىبادەت دائىرىسىدىن ساناپ مۇنداق دېگەن: "ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنگە تارقىلىپ (ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ) ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىڭلار " (جۇمۇئە سۈرىسى 10- ئايەت).

زاكات كىملەرگە بېرىلىدۇ؟

مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار زاكاتلىرىنى قۇرئان كەرىمنىڭ مۇنۇ ئايىتىدە كۆرسىتىلگەن مەخسۇس كىشىلەرگە بېرىدۇ. زاكاتنىڭ كىملەرگە بېرىشكە مۇناسىپ ئىكەنلىكى قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بايان قىلىنغان:" زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەر( يەنى تۇرۇشقا جايىمۇ يوق كىشىلەرگە)، زاكات خادىملىرىغا، كۆڭۈللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازات قىلىشقا، قەرىزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا ۋە ئىبن سەبىللەر( يەنى پۇلىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلار)گە بېرىلىدۇ".(تەۋبە سۈرىسى 60- ئايەت).

زاكات بېرىش ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي كوممۇنىستلىرى زاكات بېرىشنى چەكلىگەن ھەم توسقۇنلۇق قىلغان ( توختى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.