ئۇيغۇر ئانىلارنى ئالۋاستىغا ئايلاندۇرغان سەۋەب نېمە؟

0:00 / 0:00

كۈنمىڭ ئايرودرومىدا زەھەر يۆتكەش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئاياللار نۆۋەتتە، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۈنمىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇلار ئانىلار ھەمدە ئانا بولغۇسى ئېغىر ئاياغ ئاياللار.

ھازىرغىچە قولغا چۈشكەن ئەڭ زور بىر گۇرۇپپا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى

ھازىرغا قەدەر ئۇلارغا دائىر ئىگە بولغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇلار كۈنمىڭدا ھازىرغىچە قولغا چۈشكەن ئەڭ زور بىر گۇرۇپپا زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكىگۈچىلەر بولۇپ، قاتناشقان ئادەم سانى كۆپ، زەھەر مىقدارى ئالاھىدە جىق، دېلو ئارقا كۆرىنىشى مۇرەككەپ بولغان بىر دېلو ھېسابلانغاچقا، مەزكۇر دېلونى ئېنىقلاش ئىشلىرى مەركىزى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يۈننەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ھەمدە كۈنمىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن مەخسۇس بىر گۇرۇپپا رازۋېتكا ئەترىتى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

بولۇپمۇ بۇ زەھەر يۆتكىگۈچى جىنايەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئانا ياكى ئانا بولۇش ئالدىدىكى ئېغىر ئاياغ ئاياللار ئىكەنلىكى كىشىلەرنى چۈچۈتىدىغان ھەمدە ئېچىندۇرىدىغان بىر ئەھۋال.

بۇ زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكىگۈچىلەر زەھەر قاچىلانغان بولاقلارنى يۈتۈپ ياكى جىنسى يولىغا تىقىپ ماڭغان. ئەگەردە بۇ زەھەر قاچىلانغان بولاقلار يېرىلىپ كەتكەن ھالەتتە، ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ زەھەر يۆتكىگەن ئاياللار بولۇپمۇ ئېغىر ئاياغ ئاياللار ئۆزىنىڭ ھاياتى خەتەرگە ئۇچرىشىنى ئويلىمىغان تەقدىردىمۇ قورسىقىدىكى جاننى ئويلىمىغانمىدۇ؟

ئۇلارنىڭ ئانىلىق تەبىئىتى ئەسلىلا پۇلغا سېتىلىپ تۈگىگەن بولسا كېرەك

بىز سوراق جەريانىدا بۇ ئېغىر ئاياغ ئانىلارنىڭ چىرايىدىن ئۆزى ئۈچۈن بولمىسىمۇ، قورسىقىدىكى دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان بالىلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ، بۇ جىنايىتى ياكى ئەخمەقلىقىدىن ۋىجدانى ئازابلانغانلىقىنى ياكى قىلچىلىك پۇشمان قىلىۋاتقىنىنى كۆرمىدۇق. شۇڭا ئۇلار ئازابلانمايدۇ. ئۇلار قانۇندىن، ئۆلۈمدىن قورقمىسىمۇ ۋىجدان سورىقىدىن قورقۇشى تەبىئىي ئىدى. بەلكىم ئۇلارنىڭ ئانىلىق تەبىئىتى ئەسلىلا پۇلغا سېتىلىپ تۈگىگەن بولسا كېرەك.

كۈنمىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سوراققا قاتناشقان بىر ئايال ساقچىسى "بىز سوراق جەريانىدا بۇ ئېغىر ئاياغ ئانىلارنىڭ چىرايىدىن ئۆزى ئۈچۈن بولمىسىمۇ، قورسىقىدىكى دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان بالىلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ، بۇ جىنايىتى ياكى ئەخمەقلىقىدىن ۋىجدانى ئازابلانغانلىقىنى ياكى قىلچىلىك پۇشمان قىلىۋاتقىنىنى كۆرمىدۇق. شۇڭا ئۇلار ئازابلانمايدۇ. ئۇلار قانۇندىن، ئۆلۈمدىن قورقمىسىمۇ ۋىجدان سورىقىدىن قورقۇشى تەبىئىي ئىدى. بەلكىم ئۇلارنىڭ ئانىلىق تەبىئىتى ئەسلىلا پۇلغا سېتىلىپ تۈگىگەن بولسا كېرەك" دېدى.

بۇ ساقچى يەنە، بۇ 25 ئايالنىڭ ئاغزىنىڭ چىڭلىقى، زەھەرنى يوشۇرۇشتا ئىشلەتكەن تاكتىكىلىرىدىن خېلى تەربىيىلەنگەن تەجرىبىلىك كونا زەھەر يۆتكىگۈچىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ:

"بۇ شىنجاڭلىق ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا سۆزلەپ، خەنزۇ تىلىنى چۈشەنمەيمىز دەپ تۇرۇۋالدى. بىلىدىغانلىرىمۇ تولۇق چۈشەنمەيمەن دەپ تۇرۇۋالدى. بىز بۇلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ھەپىلىشىشىدە نامراتلىق ئامىلىنىڭ بارلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارقىدا بىر باشلىغۇچىنىڭ يەنى ئۇلارغا زەھەرنى يۆتكەشكە ئورۇنلاشتۇرغان بىر قارا قولنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. ئەمما بۇ ئۇيغۇر ئاياللار ئۇنى ھاياتى ھەتتا بالىسىنىڭ ھاياتى بىلەن باي قىلغاندىن سىرت، قانۇن تورىغا چۈشۈپ تۇرۇپمۇ قوغداپ يۇشۇرۇۋاتىدۇ" دېدى.

كۈنمىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن بۇ 25 نەپەر ئۇيغۇر ئايالنىڭ زەھەر يۆتكەش دېلوسىغا مەسئۇل بولغان بىر ساقچى، گەرچە بۇ ئاياللارنىڭ ھازىرغىچە تېخى كاپالەتكە قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى، دېلونىڭ داۋاملىق ئېنىقلىنىش باسقۇچىدا تۇرغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ قالغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

بۇ 25 ئايال تۇتۇلغان كۈنمىڭ شەھىرى يۈننەن ئۆلكىسىگە جايلاشقان. يۈننەن ئۆلكىسى، دۇنيادىكى زەھەرلىك چېكىملىك تېرىش بازىلىرىنىڭ بىرى بولغان بېرما بىلەن چېگرىلىنىدۇ، بۇ ئۆلكە زەھەرلىك چېكىملىك ھەمدە ئەيدىزگە ئوخشاش يامان كېسەللىكلەر يامرىغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ رايون ئالتۇن ئۆچ بۇرجەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يۈننەندە مەخسۇس زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بەش مىڭغا يېتىدىكەن. بۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى يۈننەننىڭ خىتاي - بېرما چېگرىسى يەنى خروئىن ئەتكەتچىلىكىنىڭ بازىسى ھېسابلىنىدىغان رۈيلى شەھىرىدە ئىكەن.

ئۇلار يۇرت، ئائىلە‏- جەمەتىنى بىرلىك قىلىپ گۇرۇھلارنى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئاساسەن خروئىن ئېلىپ -سېتىش، توشۇش ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قېرى-ياش، بالا ھەتتا ئېغىرئاياغ ئاياللارمۇ بار ئىكەن.

ئېچىنىشلىق ھەقىقەت

ئۇيغۇر ئېلىدىن زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش خىزمىتى مۇناسىۋىتى بىلەن رۈيلىگە بارغان بىر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ يۈننەندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە، خىتايغا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئەڭ چوڭ كىرىش ئېغىزى رۈيلى ئىكەنلىكى ھەمدە رۈيلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ:

ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، خروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانماقتا. ھەتتا ئۆزى بىلەنلا توختاپ قالماي ئاكا -ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرىنى ھەتتا ئاتا، ئانا، پەرزەنت، خوتۇنلىرىنىمۇ تارتىپ كىرمەكتە. يۈننەندە بەش مىڭ ئەتراپىدا، رۈيلىنىڭ ئۆزىدىلا 3000 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار بار.

"رۈيلى خىتاي بىلەن بېرمىنىڭ چېگرىسىدىكى گۈزەل، كىچىك بىر شەھەر. بېرمىدا تېرىلغان ئەپيۇن پىششىقلاپ ئىشلىنىپ خېروئىنغا ئايلانغاندىن كېيىن يۈننەن ئۆلكىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا توشۇلىدۇ. رۈيلىدا بىر گرام ساپ خېروئىننىڭ باھاسى 60 يۈەن بولۇپ، كۈنمىڭغا توشۇپ كېلىنسە 200 يۈەن، باشقا جايلارغا توشۇلغاندا قولدىن‏- قولغا ئۆتكىچە باشقا نەرسىلەر بىلەن قوشۇپ پىششىقلاپ ئىشلەنسە تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق زور پايدىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، خروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانماقتا. ھەتتا ئۆزى بىلەنلا توختاپ قالماي ئاكا -ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرىنى ھەتتا ئاتا، ئانا، پەرزەنت، خوتۇنلىرىنىمۇ تارتىپ كىرمەكتە. يۈننەندە بەش مىڭ ئەتراپىدا، رۈيلىنىڭ ئۆزىدىلا 3000 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار بار. ئۇلار ئاساسەن ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن. بۇ ئۇيغۇرلار يۈز پىرسەنت خروئىن ئەتكەسچىلىكى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ " دەپ يازغان.

مانا يېقىندا قولغا چۈشكەن بۇ 25 ئۇيغۇر ئايال، ئۇيغۇر ئانىمۇ ئەنە شۇلارنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىدە گۇمان يوق. قانۇن بويىچە 50 گىرامدىن ئارتۇق خروئىن توشۇسا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. يۈننەندە زەھەر تەكشۈرۈش‏- تۇتۇش تەدبىرلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل، زەھەر ئېلىپ مېڭىش ئىنتايىن مۈشكۈل. ئەمما بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىن يوچۇق تاپقان. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا "ھامىلدار ئاياللار، بىر ياشقا توشمىغان بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان ئاياللار قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا سىرتقا كېپىللىككە بېرىشكە بولىدۇ. يەنە 14 ياشقا توشمىغانلار جازالانمايدۇ " دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئېغىر ئاياغ ئۇيغۇر ئاياللار يۈننەندە يېغىپ كەتكەن.

يۈننەن بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدا يۈرۈپ زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە ئائىت دېلولارنى ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر ساقچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ئاياللارنىڭمۇ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ ئېغىر بىر مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

سەۋەب نېمە؟

"پۇل ۋەسۋەسىچىلىكى" دېگەن بىر ئېغىز جاۋاب شۇنچە چوڭقۇر ھەم ئېغىر مەسىلىگە يېتەرلىك جاۋاب بولالامدۇ؟ ئۇنداقتا بۇ ئۇيغۇر ئاياللارنى ھەتتا ئانىلارنى پۇل ۋەسۋەسىسىگە سېلىۋاتقان قايسى شەيتان؟

زەھەرلىك چېكىملىك شۇنداقلا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۇيغۇرلاردا يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئومۇمىي بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپلەپ زەھەرلىك چېكلىملىكلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقاندىن سىرت، زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇنچە كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكى ئۇلارنى شۈركەندۈرمەكتە.

مەزكۇر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۇۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى نوپۇزلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، گەرچە رادىئومىزدا ئىسمىنى ھەمدە ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنى خالىمىغان بولسىمۇ، ئەمما زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئۇيغۇرلاردا يالغۇز بىر ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپلا قالماي بىر سىياسىي مەسىلە ھەمدە بىر مىللىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: "ئۇيغۇرنىڭ ياش ئەۋلادلىرىنى، ئەرلىرىنى، ھەتتا ئانىلىرىنى ئالۋاستىغا ئايلاندۇرىۋاتقان قارا قول يالغۇز زەھەرلىك چېكىملىكلا ئەمەس، نامراتلىقلا ئەمەس، ھەقسىز مىللىي سىياسەتلا ئەمەس، ئۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان، يەنە شۇنىڭدەك ئۇزۇن يىللاردىن بېرى نامرات قېلىش، نادان قېلىش، دىنسىز، ئەخلاقسىز قېلىشتىن شەكىللەنگەن مەجبۇرىي ئۆزگەرتىلگەن مىللىي پىسخىكا ھەم بۇلاردىن زەھەرلىنىپ تېپىپ چىقىۋاتقان كېسەللىك ئالامەتلىرى. يۇقىرقى ئامىللار ئۆزگەرتىلمىگىچە، بۇ خىل پاجىئەلەر تېخىمۇ يامراپ، ئۇيغۇرلار سىياسىي جەھەتتىنلا ئەمەس مەدەنىيەت، ساپا، ھەر جەھەتتىن پاجىئەگە يۈزلىنىدۇ"دەپ ئەندىشە بىلدۈرمەكتە. (گۈلچېھرە)