بىر ئەيدىز پىداكارىنىڭ ليۇداۋاندىكى زىيارەت خاتىرىسى
2006.03.24

ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تېز تارقىلىشىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بىر توپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىكىدىن "قار لەيلىسى ئەيدىز كېسىلى تەتقىقات ۋە تەربىيە پروگراممىسى" نى تەشكىللەپ، ياش- ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى ئېلىپ بارغان. ۋاڭ ۋېيلى مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ پىدائىيلىرى بىلەن بىللە 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ليۇداۋاننى زىيارەت قىلغان.
ئەخلەتكە تولغان رايون
ۋاڭ ۋېيلى خاتىرىسىدە ئۆزىنىڭ ليۇداۋانغا يېقىنلاشقان پەيتتىن باشلانغان تەسىراتىنى مۇنداق يازىدۇ:
"مېنىڭ تۇنجى تەسىراتىم، بۇرنۇم ئىنتايىن بىئارام بولدى، ئېچىشتى. يىراققا قارىسام ئىس- تۈتەككە تولغان خۇنۇك ئاسمان. ۋەيرانە ئۆيلەر، توپا- چاڭ يېغىپ تۇرغان يوللار. ئەمما بۇ يەردە نۇرغۇن ئادەملەر ياشايدىكەن. بىز كۆرمەكچى بولغان رايونىمىزدا، بىر باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، بىر دوختۇرخانا، نۇرغۇن ئۇكۇل يىڭنە قالدۇقلىرى تاشلانغان كىچىككىنە دەرەخزارلىق ۋە بىر نەچچە ئەخلەت دۆۋىلىرى بار ئىكەن. مەن پىدائىيلارنىڭ بۇ رايوندىكى ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ كەتتى....."
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قار لەيلىسى ئەيدىز پروگراممىسى پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سورۇن بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يېنىدا بولۇپ، يول بويىدا بىر كىچىك دەرەخلىقتىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ يولدا، تۇرۇپ قالغان سېسىق سۇ ۋە ئەخلەت دۆۋىلىرى ماڭدامدا بىر ئۇچرايدۇ. دەرەخلىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوڭ تەرەپتە بىر قىسىم پاكار- پاكار ئائىلىلىكلەر قورولىرى بار. سول تەرەپتە، چېقىۋېتىلگەن ئۆيلەرنىڭ خارابىسى بار. ئالدىڭىزغا بولسا باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇچرايدۇ. ئۇ خاتىرىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى كۆرۈپ ھاياجانلىنارمەنمىكىن دېگەنتىم، ئەمما ئەھۋال ئۇنداق بولمىدى. چۈنكى ئالدى بىلەن كۆزۈمگە چېلىققىنى مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئىككى چېتىدىكى ئەخلەت دۆۋىسى بولدى..."
زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئەخلىتى
ۋاڭ ۋېيلىڭنىڭ خاتىرىسىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ بىر ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپى ئىكەن. بالىلارنىڭ پائالىيەت مەيدانى بولغان بۇ دەرەخزارلىق كىشىنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغان بولۇپ، چۈنكى بۇ دەرەخزارلىقنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر تاشلىۋەتكەن كېرەكسىز "ئۇكۇل يىڭنە قالدۇقلىرى" نى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
"يىڭنە ئالماشتۇرۇش ئورنى"
ۋاڭ ۋېيلىڭ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقان " خىتاي- ئاۋسترالىيە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە غەمخورلۇق پروگراممىسى" نىڭ بىر قىسمى بولغان ئىشلىتىلگەن ئۇكۇل يىڭنىسىنى يېڭىگە ئالماشتۇرۇپ بېرىش پروگراممىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى كۈزەتكەن.
مەزكۇر پروگرامما زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئارىسىدا، ئۇكۇل يىڭنىسىنى قايتا ئىشلىتىش، ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، 2004 - يىلى 11 - ئايدا تۇنجى بولۇپ ليۇداۋاندا يىڭنە ئالماشتۇرۇش ئورنى تەسىس قىلىنغان.
ۋاڭ ۋېيلىڭ پىدائىيلار بىلەن بىللە، يىڭنە ئالماشتۇرۇش ئورنىنى سۈرۈشتۈرۈپ تەستە تاپقان. ئۇلار "يىڭنە ئالماشتۇرۇش ئورنى" دېگەن ۋېۋېسكا ئېسىلغان بىر كىچىك بوتكىغا كىرگەندە، خوجايىن ئۇلارغا بۇ ئورۇننىڭ تېخى يېڭى تەسىس قىلىنغانلىقىنى، ھازىرغىچە بىرلا ئادەمنىڭ يىڭنە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كېلىپ باققانلىقىنى، ئەمما ئەتراپتىكى ئائىلىلىكلەر قورۇسى ۋە دەرەخزارلىقتا ئىشلىتىپ تاشلىۋېتىلگەن ئۇكۇل يىڭنىسىنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ۋاڭ ۋېيلىڭ ۋە پىدائىيلار بۇنىڭ بىلەن بىرلا ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا ئۆتۈپ كۆرۈپ باقماقچى بولغان. ئۇ خاتىرىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: "بىز بىر بىناغا كېلىپ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ئۇكۇل يىڭنىسىدىن بىرنى بايقىدۇق. ئۇنچە ئىزدەپمۇ كەتمەي، ئەتراپلىرىغا مۇنداق كۆز يۈگۈرتۈپ چىقساق، بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى بولۇپ، جەمئىي بەش دانە ئۇكۇل يىڭنىسى تېپىلدى. بىز بۇ ئۇكۇل يىڭنىسىنى تېرىپ، ھېلىقى يىڭنە ئالماشتۇرۇش ئورنىدىكى يىغىۋېلىش ساندۇقىغا قويۇپ قويدۇق".
170 مىڭغا يېقىن دانە ئۇكۇل ئەسۋابلىرىنى يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى ھالەت
خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق "شىنجاڭ ئىسسىق لىنىيىسى تور بېتى" تېخى 2 - ئاينىڭ 21 – كۈنى "ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە يىڭنە ئالماشتۇرۇش ئورۇنلىرىدىن 44 ئى كۆپەيدى" دېگەن تېمىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدا "مەزكۇر پروگرامما بويىچە يىڭنە ئالماشتۇرۇش ئورنى 2004 - يىلى 11 - ئايدا ليۇداۋاندا تۇنجى بولۇپ ئېچىلغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە بۇ ئالماشتۇرۇش ئورنى 170 مىڭ دانە ئۇكۇل ئەسۋابلىرىنى تارقاتتى. كېرەكسىز ئۇكۇل يىڭنە قالدۇقلىرىنى يىغىۋېلىش نىسبىتى 98.6% كە يەتتى" دەپ بىلدۈرگەن ئىدى. ۋاڭ ۋېيلىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پەقەت بىر بىنانىڭ ئالدىدىكى بەش كۇۋادىرات مېتىرغا يەتمىگەن جايدىنلا بەش تاشلىۋېتىلگەن ئۇكۇل يىڭنىسى ئۇچرىغان تۇرسا، بۇ سۆزلەرگە قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولىدۇ دەپ سوئال قويغان.
بۇ ھەرگىزمۇ بىز پىدائىيلار ۋە شەخسىلەرنىڭ كۈچى يېتىدىغان ئىش ئەمەس
تىك قۇدۇقتا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قاي لەيلىسى ئەيدىز تەتقىقات ۋە تەربىيە پروگراممىسىنىڭ مەسئۇلى، شىنجاڭ پېداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۈچۈنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى چاڭ كۈن، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتكە بارمىغانلىقىنى، ئەمما سەپداشلىرىدىن ئاڭلىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ليۇداۋان مۇھىت ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتىدە ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
"مېنىڭچە ليۇداۋاندىكى مەسىلىلەرنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش ھەل قىلمىسا تۈزەلمەيدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ بىز پىدائىيلار ۋە شەخسىلەرنىڭ كۈچى يېتىدىغان ئىش ئەمەس. ئويلاپ بېقىڭ، مۇھىت ، ھېلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ، ئۇكۇل يىڭنىسىنى ئالماشتۇرۇش ئورنىنىڭ ئەھۋالى شۇ تۇرسا، ھەتتا ئائىلىلىكلەر بىناسى ئالدىدا كېرەكسىز ئۇكۇل يىڭنە قالدۇقلىرى تاشلىنىپ ياتسا، مېنىڭچە بۇيەردىكى مەسىلە ئىنتايىن ئېغىر. مېنىڭچە ھۆكۈمەت ئۇكۇل يىڭنىسىنى ئالماشتۇرۇش ئورنىنى ئالدى بىلەن تۈزەش كېرەك. تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋاستە تېپىش كېرەك".
ئۇ ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋەزىيىتىگە ئىجابىي قارىمايدىغانلىقىنى، بىراق ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيىتىنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ھەمدە بۇ ھەقتىكى ياردەملەرنىڭ ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارغا قۇربىي يەتمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا سەۋەپسىزلا ئۇلارنىڭ قار لەيلىسى پروگراممىسىنىڭ تور بېتى تاقىلىپ قالغان. ئۇ قار لەيلىسى ئەيدىز تەتقىقات ۋە تەربىيە پروگراممىسىدىكى ئون نەچچە ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان پىدائىيلارنىڭ مۈشكۈل شارائىتقا قارىماي، بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، بالىلار ئارىسىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدىكى ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندىنىڭ ئىز - دېرىكى ھازىرغىچە تېپىلمىدى
- ئاق ئالۋاستى قوينىدىكى ئۇيغۇرنىڭ نىداسى
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز شىددەت بىلەن يامرىماقتا
- زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاش مۇمكىنمۇ؟
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاش ئورۇنلىرىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر
- ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاتقۇزۇش ئورۇنلىرىنىڭ داۋالاش ھەققى زىيادە يۇقىرى بولماقتا
- ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە