خىتاي زەھەرلىك چېكىملىكنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتمەكتە
2006.07.21
زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر ئۆتكۈر زەھەر كۈچىگە ئىگە بولغان خېروئىننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارقالغانلىقىغا ئون نەچچە يىل بولدى. دەسلەپ ئۇ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كىرگەن ئىدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتى ئېغىرلاپ، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سان جەھەتتىمۇ خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇننىڭ بىرىنى ئىگىلەپ كەلمەكتە ۋە بۇنىڭغا ئەگەشمە ھالدا كېلىپ چىققان ئەيدىز مەسىلىلىرىمۇ ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ھەم مەسىلىگە ئايلاندى.
زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە نەدىن كىرىۋاتىدۇ؟
بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادا تەررورس دېگەن باھانا بىلەن يوقىتىش پىلانى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن قوللانماقچى بولغان يەنە بىر ئىستراتېگىيىلىك يوقىتىش پىلانى.
زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ كۈنسايىن يامرىشىدا ئۇيغۇرلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زەھەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى توساشقا كۈچلۈك تەدبىر قوللانماي كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلانغاندەك، ئۇيغۇر ئېلىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئاساسەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كىرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما، نىسبەت جەھەتتىن ئالغاندا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانى جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەكتە. بولۇپمۇ ئېنىقلانغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ 90% تىن كۆپرەكىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرى ئىكەنلىكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالماقتا، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك تارقالغان ئون يىللاردىن بۇيان، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ياخشى كونترول قىلىنماسلىقىدىن نارازى بولۇپ كەلمەكتە شۇنداقلا بەزىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ تارقىلىشىغا قەستەن يول قويدى دېگەندەك گۇمانلاردىمۇ بولۇپ كەلدى.
ئۇيغۇر ئېلىگە ئىككى چوڭ زەھەر مەنبەسىنىڭ تەسىرى ئېغىر. بولۇپمۇ، كېلىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئاساسلىقى ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك رايونى يەنى بېرما بىلەن خىتاينىڭ چېگراسى بولغان يۈننەن ئارقىلىق كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى دۆلەت ھالقىغان زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئافغانىستان، پاكىستان چېگرالىرىدىنمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە زەھەر يۆتكەشكە ئۇرۇنغانلىقى بايقالدى. ئەمما، بۇنى يۈننەن قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان زەھەرنىڭ مىقدارى ھەمدە مۇددىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
رابىيە خانىم: خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى تاكتىكا ئىشلەتمەكتە
لېكىن، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى خەلقارالىق زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئالتۇن ھىلال ئاي زەھەرلىرىنى خىتايغا يۆتكەشتىكى تۈگۈنى دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ئۆلكىلىرى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەندىن باشقا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىگە ئوخشاش ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىنىمۇ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىسى قىلىپ كۆرسەتتى.
بۇنىڭغا دائىر ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىنىڭ ساختىلىقىنى ئىسپاتلىدى. ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەر توساش ساقچىسىمۇ بۇنى ئىنكار قىلدى. نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئارقىسىدا سىياسىي سۈيقەستلەرنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقىدىن گۇمانلانماقتا.
ئۇيغۇر مىللي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزى تەتقىقات مەركىزىدىن ئۈمىد ئاگايى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادا تەررورس دېگەن باھانا بىلەن يوقىتىش پىلانى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن قوللانماقچى بولغان يەنە بىر ئىستراتېگىيىلىك يوقىتىش پىلانى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرۇغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- زەھەرلىك چېكىملىك ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق خىتايغا يۆتكىلىۋاتامدۇ ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگىمۇ؟
- قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى
- رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەركىتى ھەققىدىكى سۆزلىرى ھەققىدە توختالدى
- ئۇيغۇر دېھقانلىرى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلگەنلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە نېمە؟
- د ئۇ ق: ئۇيغۇر "تېررورچىلىرى" پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىلىرىنى گۆرۆگە ئالماقچى بولغانلىقى ئويدۇرما
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار
- خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق كىرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى يەكۇنىنىڭ ئاساسى قانچىلىك ؟
- ئۇيغۇرلاردا ئەيدىز ئاپەتكە ئايلانماقتا
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك
- خەلقئارا تاماكا چەكمەسلىك كۈنى