25 نەپەر ئۇيغۇر ئايال زەھەر يۆتكەش جەريانىدا بىراقلا تۇتۇلدى
2006.08.01
27 - ئىيۇل كۈنى كۈنمىڭ ساقچى دائىرىلىرى ماڭ شەھرىدىن توققۇز نەپەر شىنجاڭلىق ئايالنىڭ زەھەر ئېلىپ، شەرق ھاۋا يولى مۇ 5735 قېتىملىق ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ كۈنمىڭغا قاراپ ئۇچقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئايروپىلاننى تەكشۈرۈش جەريانىدا جەمئىي 30 ئادەمنى تۇتۇپ قالغان. بۇ ئوتتۇز ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر خىتايدىن باشقا ھەممىسى ئۇيغۇرلار بولۇپ 25 ئى ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى ھەمدە يەنە تۆت نەپەر بالىمۇ بار ئىكەن.
ئەتكەسچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئېغىر ئاياق
ئاختۇرۇش جەريانىدا 25 نەپەر ئايالنىڭ ھەممىسىدىن زەھەرلىك چېكىملىك بايقالغان. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى، بۇلارنىڭ 19 ئى ئېغىر ئاياغ بولغاندىن سىرت، قالغانلىرىمۇ بالىلىق ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئىكەن. ئۇلار زەھەرلەرنى بەدىنىگە تىقىپ ماڭغان. گەرچە قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدىكى جىنايەت گۇماندارىنىڭ بىرى بولغان خىتاي ئايالدىن زەھەر بايقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پۇل ۋە يانفوندىن باشقا يۈك تاقىسى يوق ئىكەن، شۇنداقلا ئۇ سوراق جەريانىدا ئالا تاغىل گەپلەرنى قىلىپ ساقچىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ بۇ زور كۆلەملىك زەھەر يۆتكەش دېلوسى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ساقچىلارنىڭ گۇمانى ئاستىدا تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
نۆۋەتتە بۇ، خىتاي ئىچى ھەم سىرتىدىكى ئاخبارات تورلىرىدا خىتايدا يۈز بەرگەن ئەڭ زور كوللېكتىپ زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەش دېلوسى دەپ تەرىپلەنمەكتە.
كۈنمىڭ قانۇن تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۇتۇلغان بۇ زەھەر يۆتكىگۈچى ئۇيغۇرلار 21 ياشتىن 32 ياشقىچە بولغان ئېغىر ئاياغ ياكى بولمىسا بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى زەھەرلىك چېكىملىك ئورالغان بولاقلارنى يۈتۈپ ماڭغان بولسا، يەنە بەزىلىرى زەھەر بولاقلىرىنى جىنسىي ئەزالىرىغا تىقىپ يۆتكىگەن.
ساقچى دائىرىلىرىدىن مەلۇماتلار
بىز مەزكۇر دېلونىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەمدە دېلونىڭ ئېنىقلىنىش نەتىجىلىرى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن دەسلەپ ئايرۇدۇرۇمنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفون ئالغان خادىم "مەزكۇر ۋەقەنىڭ بولغانلىقى راس، يېقىنقى بىر - ئىككى يىلدىن بۇيان زەھەر يۆتكەيدىغانلار ئىچىدە شىنجاڭلىقلار كۆپرەك بايقىلىۋاتىدۇ، بۇ بىز ئۇلارنى تۇتۇشقا ياردەملەشتۇق، لېكىن باشقا ئەھۋاللارنى ئېنىق بىلمەيمەن، بۇنى بىزدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇنغا تېلېفون قىلىپ سوراڭلار " دېدى.
بىز يەنە ئايرودرومنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. گەرچە مەزكۇر خەۋەر نۇرغۇن تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئورۇننىڭ خادىمى مەزكۇر ۋەقەنىڭ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.
بىز يەنە مەزكۇر دېلونى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان كۈنمىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. لى فامىلىلىك بىر ساقچى ئايال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى:
- سىلەر بۇ دېلوغا دائىر ئېنىق پاكىتقا ئېرىشتىڭلارمۇ؟ - ئېرىشتۇققۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىدىن باشقا ھەممىسى ئۇيغۇرلار. - ئۇلارنىڭ ئىچىدە قانچىسى ئېغىر ئاياغ ئاياللار؟ - ئون نەچچىسىنىڭ ئېغىر ئاياغلىقى بايقالدى. ئېغىر ئاياغ بولمىغاندىمۇ بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئىكەن. ئۇلار دەل قانۇننىڭ شۇنداق يوچۇقىدىن پايدىلىنىۋاتقانلار. چۈنكى قانۇندا بالا ئېمىتىۋاتقان ياكى ئىككى قاتلارنى مەمۇرىي جازاغا تارتمايدۇ، ئۇلارنى پەقەت ۋاقتىنچە كاپالەتكە قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولىمىز. - ئۇلار ئۆز ئالدىغا زەھەر يۆتكىگەنلەرمۇ ياكى بىر گۇرۇھنىڭ ئادەملىرىمۇ؟ - ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم بىر تەشكىللىگۇچىسى بار، دېلو تېخى ئېنىقلىنىش باسقۇچىدا. - مۇشۇ ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك ئاتالغان رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىلىرىگە چېتىشلىق دېلولار كۆپ بايقىلىۋاتامدۇ؟ - بۇ جاي ئاتالمىش ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك رايونىغا يېقىن، يېقىنقى يىللاردا شىنجاڭلىق زەھەر ئەتكەستچىلىرىمۇ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بايقالدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئىچىدە باشقا سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ بار. - دېلونىڭ نەتىجىسى تېخى ئېنىقلانمىدىمۇ ؟ - ياق تېخى ئېنىقلاۋاتىمىز، ئېنىق مەلۇمات ئالغاندىن كېيىن خەۋەر بېرەرسىلەر.
مەزكۇر دېلودىكى ئالاھىدە سالاھىيەتتىكى يەنى ئانا بولغۇچى 25 ئايالنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن بەلكىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭمۇ خەۋىرى بولسا كېرەك دېگەن گۇمان بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر زەھەرلىك چەكلەش ساقچىسىغا تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئالدۇق.
زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ مىقدارى كۆپ
كۈنمىڭ شەھەرلىك قانۇن تورىدىن ئىگە بولغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۇ زەھەر يۆتكۈگۈچىلەر كۈنمىڭدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ساقچى ئاپتوموبىلدا كۈنمىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە مېڭىش جەريانىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئورالغان نەرسىلەرنى يول بويى تاشلاپ ماڭغان بولۇپ، كەينىدىن ماڭغان ئاپتوموبىلدىكى ساقچىلار ئۇلار تاشلىغان زەھەرلەرنى يىغىۋالغان. زەھەر يۈتۈپ ماڭغانلارنىڭ زەھەرنى چىقىرىشىغا مەلۇم مەزگىل كېتىدىغان بولغاچقا، سەيشەنبە كۈنى ئۇلار يۆتكەپ ماڭغان زەھەرنىڭ مىقدارى دەسلەپكى قەدەمدە ھېسابلىنىشىچە جەمئىي 5800 گرامغا يېتىدىكەن.
خىتاينىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش قانۇنىدا زەھەرنىڭ مىقدارى 50 گرامدىن ئاشقانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. گەرچە بۇ زور كۆلەمدىكى زەھەر يۆتكەش دېلوسى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما خىتاي قانۇنىدا يەنە، ئېغىر ئاياغ ۋە بالا ئىمىتىۋاتقانلارغا ۋاقىتلىق مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ 25 نەپەر ئۇيغۇر زەھەرلىك چېكىملىك جىنايەتچىلىرىنىڭ دېلوسىنى ئېنىقلاش ھەمدە ئۇلارغا قانداق جازا كۆرۈش مەسىلىسى كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇۋاتقان مەسىلە بولماقتا. ئەگەر خىتاي قانۇنى بويىچە بولغاندا بۇ 25 ئايال ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى تۇتۇپ تۇرۇلغان 48 سائەت ئىچىدە كاپالەتكە قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟
مەزكۇر زور كۆلەملىك زەھەر يۆتكەش دېلوسى ھەققىدە كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.(گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىسىگە قانداق باھا بېرىدۇ ؟
- خىتاي زەھەرلىك چېكىملىكنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتمەكتە
- زەھەرلىك چېكىملىك ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق خىتايغا يۆتكىلىۋاتامدۇ ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگىمۇ؟
- ئۇيغۇر دېھقانلىرى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلگەنلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە نېمە؟
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار
- خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق كىرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى يەكۇنىنىڭ ئاساسى قانچىلىك ؟
- ئۇيغۇرلاردا ئەيدىز ئاپەتكە ئايلانماقتا
- ئامېرىكا ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ خىتاينى تەنقىدلىدى
- خەلقئارا تاماكا چەكمەسلىك كۈنى
- بىر ئەيدىز پىداكارىنىڭ ليۇداۋاندىكى زىيارەت خاتىرىسى
- ئاق ئالۋاستى قوينىدىكى ئۇيغۇرنىڭ نىداسى
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز شىددەت بىلەن يامرىماقتا
- زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاش مۇمكىنمۇ؟