0:00 / 0:00
يېقىندا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ خېپىڭ خىتايدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش مەسىلىسىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانىنىڭ يىلدىن يىلغا كۆپىيىپ، قۇرۇلما جەھەتتىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتراپ قىلغان.
زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ خېلى جىددىي دەرىجىگە يەتكەن. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ باشقا جايلارغا قارىغاندا تىز تارقىلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز مېھرىباندىن ئاڭلاڭ.