زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئۇيغۇر يېزىلىرىغىچە يامرىماقتا


2006.01.05

ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەيدىزلەر سانىغا دائىر ئېلان قىلىنىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلار داۋاملىق يۇقىرىلاپ بارماقتا، شۇنداقلا تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ 90%تىن كۆپىنى ئۇيغۇر ياشلىرى ئىگىلىمەكتە. دېمەك زەھەرلىك چېكىملىك ھەم ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاساسلىق جەمئىيەت مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالدى.

ئىشسىزلىق ئاساسلىق سەۋەب بولماقتا

بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىچە تۈرلۈك زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە ھەر خىل يوللار بىلەن ئۆگىنىپ قېلىپ، ياشلىقى سولۇپ، جىسمى شامدەك ئېرىپ، غايىلىرى كۆپۈككە ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى، ئاتا -ئانىلارنى، ئۇستازلارنى، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى ئازابلىماقتا.

زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە ئائىت ئېلان قىلىنىۋاتقان مەلۇماتلاردىن، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، قاراماي قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە ئاساسلىق تارقالغانلىقى، چەككۈچىلەرمۇ ئاساسەن ئىقتىسادى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان شەھەرلەردە بايقالغانلىقى مەلۇم قىلىنىپ كەلمەكتە.

گەرچە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارقىلىش سۈرئىتى پەۋقۇلئاددە تېز بولۇۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بۇنىڭ تېخىچە نامراتلىقتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن يېزىلارغا قەدەر تارقىلىپ كېتىشىنى ئويلىغاندا بۇ تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ، ئەپسۇس بۇ قورقۇنۇچلۇق مەسىلە نۆۋەتتە تېنىۋېلىشقا بولمايدىغان رېئال بىر مەسىلىگە ئايلانغان.

چېكىملىك يېزىلارغىچە كېڭەيگەن

يېقىندا رادىئومىزغا تېلېفون ئۇرغان بىر ياشنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالماي يېزىلىرىغا قايتقان ئۇيغۇر ياشلىرى نەشە ۋە ئاق تاما قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان.

بىز بۇ ياشنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن يەنە شۇ ياش تۇرىۋاتقان يېزىنىڭ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىمى، ئۇيغۇر يېزىلىرىدا زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسىنىڭ شۇ قەدەر ئېغىرلىقىنى ئىنكار قىلدى.

بىزگە مەلۇمات بەرگەن ياشنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت ھەم جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئاساسىي كۈچىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ھەم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىشقا ئاجراتقان بولغاچقا، زەھەرلىك چېكىملىكىكە ئوخشاش مەسىلىلەرگە سەل قارىماقتا ئىكەن.

ئالدىنقى قاتاردا

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر كۆپىيىپ، سۈرئىتى خىتاي بويىچە ئالدىغا ئۆتۈپلا قالماي، زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبىدىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىيىش تىزلىكى ھەتتا دۇنيادىمۇ بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

2004 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە شەھەرلەردە تىزىمغا ئالدۇرغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ 20مىڭدىن ئاشقانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى،شەھەردىن باشقا يېزىلاردىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىمۇ نەزەردە تۇتقاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ھەقىقىي ساننىڭ يەنە قانچىلىك ئۆرلىگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.