ئۇيغۇرلار نېمە سەۋەبتىن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە كىرىشىپ قالدى؟

0:00 / 0:00
aids.jpg
بېيجىڭدىكى يەر ئاستى پويىز ئىستانسىسىدىكى ئەيدىز ھەققىدىكى تەشۋىقات تاختىسى. 1-دېكابىر. AFP

ئۇيغۇرلاردا زەھەرلىك چېكىملىك تۈپەيلى پەيدا بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، ئېچىنىشلىق ئاچچىق ساۋاقلار ئاز ئەمەس. زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش گەرچە داۋاملىق تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ بىراق ئۇيغۇر ئېلىدە خېروئىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىك پەيدا بولۇپ ھازىرغا قەدەر، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قوللىنىۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ ھېچقانچە ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىرلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت زەھەرلىك چېكىملىكنى چېكىش بىلەنلا قالماي ھەتتا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭمۇ كۆپىيىشى ئۇيغۇرلاردا غەزەپ ھەمدە ئەندىشىلەرنى كۈچەيتمەكتە.

ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا يۈننەندىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردىن ئىگە بولغان مەلۇماتلىرىمىزنى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ساقچىنىڭ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.

يېشىلمىگەن تۈگۈن

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىگە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئاساسلىق كىرىش ئېغىزى بولغان رۈيلىدا، بىر نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنىڭ مەخسۇس زەھەرلىك چېكىملىك ئېلىپ‏- سېتىش، يۆتكەش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى مەسىلىسى ئۇيغۇرلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىماقتا. تور بەتلىرىدە بۇنىڭغا پىكىر قاتناشتۇرغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى "ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ بۇ ئىشقا كىرىشىدۇ ؟ نامراتلىقتىنمۇ؟ نادانلىقتىنمۇ ؟ ياكى چىقىش يولى تاپالمىغانلىقتىنمۇ ؟ " دېگەندەك سوئاللارنى قويماقتا.

بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، مەلۇماتتا كۆرسىتىلگەن، يۈننەندىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز دېرىكىنى ئېلىش مەقسىتىدە يۈننەن رۈيلى ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق، ئەمما ساقچى "بۇ جايدا راسلا ئۇيغۇرلار كۆپ، ئەمما بەك تارقاق، ساپلا كىچىك ئاشخانىلارنى ئاچىدۇ، ئۇلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىلىرى ھەققىدە ئېنىق بىر نېمە دەپ بېرەلمەيمەن" دېدى.

چارە-تەدبىر يېتەرلىك ئەمەس

بىز يەنە يۈننەندە مارالبېشى ناھىيىسىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەدەر كۆپلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ ھەقتە قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق. تېلېفونىمىز مارالبېشىدىكى بىر ئائىلىگە ئۇلاندى. تېلېفونىمىزنى ئالغان ئايال بۇ ئەھۋالنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى، ئېغىرئاياق ئاياللارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆپرەك بارىدىغانلىقىنى، بۇرۇن زەھەرلىك چىكىملىك چىكىدىغانلارنى خېلى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى، ھازىر بولسا بۇنداق ئىشنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئۆز يولدىشىنىڭ زەھەرلىق چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالغانلىقىنى، زەھەرلىك چىكىملىك ساتقۇچى ھەققىدە گەرچە ئۆز ئاغزى بىلەن ساقچى دائىرىلىرىگە خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كارى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز بۇ ئەھۋاللارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ بۇ ناھىيىدە يۈز بېرىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك جىنايى ئىشلارغا قانداق تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقىنى سورىدۇق، بىر ساقچى خادىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، بەزى كىشىلەرنىڭ قىزىقىش بىلەن بۇ يولغا كىرىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ قەيەردىن، كىملەر ئارقىلىق، شۇنداقلا قانداق يوللار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىۋاتقانلىقى مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورگانلىرىغا مەلۇم ئىكەن، نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمەت ياكى ساقچى تارماقلىرى زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ كىرىش مەنبەسىنى توسۇشقا ياكى ئۇنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزۇشقا كۈچىمەيدۇ. بۇنىڭغا ساقچىلار ئۆزىمۇ مۇجىمەل جاۋاب بېرىپ، جازالاشنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنچە يامرىشىغا، زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنچە كۆپىيىپ بېرىشىغا زادى نېمە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە كېيىنكى پروگراممىمىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ قاراشلىرىنى ئاڭلىغايسىز. (گۈلچېھرە)