ئاق ئالۋاستى قوينىدىكى ئۇيغۇرنىڭ نىداسى

0:00 / 0:00
aids.jpg
بېيجىڭدىكى يەر ئاستى پويىز ئىستانسىسىدىكى ئەيدىز ھەققىدىكى تەشۋىقات تاختىسى. 1-دېكابىر. AFP

زەھەرلىك چېكىملىكتىن ئىبارەت ئاق ئالۋاستىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە بالايى -قازالار ياغدۇرىۋاتقىنىغا ئون يىلدىن ئاشتى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى مانا ئەمدى زەھەرلىك چېكىملىك ھەمدە ئەيدىز مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر جايلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. قانچلىغان بەختلىك ئائىلىلەر ۋەيران بولدى، قانچىلىغان ياش ئەۋلاتلارنىڭ ياشلىق گۈلى سولۇپ، قانچىلىك كىشىنىڭ گۈزەل ئارزۇ، غايە، ئىنتىلىشلىرى، ئىستىقبالى خېروئىن بىلەن تەڭ كۆيۈپ ئىس تۈتۈنگە ئايلاندى. تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ پاجىئەلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىشىدۇر.

زەھەرلىك چېكىملىككە مەيلى قانداقلا سەۋەب بىلەن ئۆگىنىپ قالمىسۇن، پۇشايماندىن جىسمى ھەم روھى ئازابلانمايدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىشى تۈپەيلى پۈتۈن ئائىلىسى ھەتتا ئەجداد ھەم ئەۋلادلىرىنى پۈتمەس-تۈگىمەس بەختسىزلىكلەرگە مۇپتىلا قىلىۋاتقانلىقىدىن ئۆكۈنەمدۇ ؟ ئاق ئالۋاستىنىڭ ۋەسۋەسىسىدىن قۇتۇلالماي قىينىلىۋاتقان ئازغان ياشلار نېمىلەرنى ئويلايدۇ؟ ئۇلارنىڭمۇ ئارزۇلىرى بارمۇ ؟

بۇلارنى، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدە زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالغانلىقىغا يەتتە يىلدىن ئاشقان بىر ياش بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.