خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق كىرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى يەكۇنىنىڭ ئاساسى قانچىلىك ؟


2006.06.22
zeherlik-chekimlik-150.jpg

جوڭگو دائىرىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئەسكەرتىشىچە،خىتايدا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇزۇن مەزگىللىك كۈرەشلەردىن كېيىن، ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك رايونىدىن كېلىدىغان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قامال قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمى ۋەزىيەتكە يەنىلا ئۈمىدۋار قارىغىلى بولمايدىكەن.

ئىنكار قىلىنغان يەكۈن

جوڭگو زەھەرلىك چېكىملىك كونترول قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چېن سۈنيى، ئافغانىستاندىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارقىلىق كىرىدىغان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. چېن سۈنيىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2005 - يىلى خىتاي بويىچە 46 مىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك گۇماندارى قولغان ئېلىنغان ۋە ئاز كەم 7 توننا خېروئىن قولغا چۈشۈرۈلۈپ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قامال ئاستىغا ئېلىنغان. لېكىن ئۇ، ئافغانىستاندىن جوڭگوغا كىرىدىغان خېروئىن ئەتكەسچىلىكى "تېخىمۇ كەڭ يامىرىماقتا،" دەيدۇ.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك رايونى بولۇپمۇ بېرما خىتايغا كىرىدىغان خېروئىن ۋە مېتافىتامىنغا ئوخشاش يېڭى تۈردىكى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئاساسلىق مەنبەئەسى، دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ئالتۇن ھىلالئاي رايونى، دەپ ئاتالغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي زەھەرلىك چېكىملىك بازىرىدا ئوينايدىغان رولى كۈچۈيىشكە باشلىغان.

چېن سۈنيى، ئافغانىستانغا چېتىلىدىغان خېروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ ئەھۋاللارنىڭ تەپسىلى دىتاللىرىنى ۋە بۇ ئەتكەسچىلىك يولىنىڭ قايسى چىگرا ئېغىزلىرىدىن ئۆتۈدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. لېكىن بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئالتۇن ھىلالئاي رايونىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇرى بىلەن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتى بىر - بىرىنى ئىنكار قىلماقتا.

چېگرا ساقچىلىرى: بۇ يەردە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى يۈز بېرىپ باقمىدى

قونجىراپ چىگرا ئېغىزىنىڭ تاغارما ساقچى پونكىتىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خىتاي ساقچى، بۇ يەردە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى "يۈز بېرىپ باقمىدى، بۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ باقمىدۇق،" دەيدۇ. تاغارما ئالتۇن ھىلالئاي رايونى بىلەن خوشنا تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ پاكىستان، ئافغانىستان چىگرىسىدىكى مۇھىم ئۆتىڭى. مەزكۇر ئۆتەڭدىكى ساقچى پونكىتىنىڭ بىر ئۇيغۇر خادىمى بولسا مۇخبىرىمىزغا يۇقىرىقى خىتاي ساقچىسىنىڭ سۆزلىرىنى تەستىقلىدى.

خىتاينىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ئومۇمى كۈرەش ۋەزىيىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ كەتكىلى بولمايدۇ

جوڭگو بىلەن چىگرىلىنىدىغان ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا لائوس، بېرما، تايلاندنىڭ جەنۇبى قىسىمىدىكى ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك رايونى، خىتاي زەھەرلىك چېكىملىك بازىرىنى مال بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق مەنبەئە، دەپ قارىلىدىغان رايون.

چېن سۈنيىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جوڭگو زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتكەن ۋە بىر قاتار تەدبىرلارنى ئالغاندىن كېيىن، بازاردا زەھەرلىك چېكىملىك يىتىشمەسلىك جىددىچىلىكى يۈز بەرگەن ۋە خېروئىن باھاسى 30 - 35 پىرسەنتكىچە ئۆرلىگەن. لېكىن ئۇ، بۇ ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەپيۈن ئېكىنزارلىقلارنى ۋەيران قىلىشنىڭ تۆھپىسى بولۇشى مۈمكىن، دەيدۇ.

ب د ت نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا 2005 - يىلى بېرمىدا ئەپيۈن ئېكىنزارلىقى 2003 ۋە 2004 - يىللىرىغا قارىغاندا 23 پىرسەنت ئازايغان، لائۇستىكى ئەپيۈن ئىشلەپچىقىرىش 43 پىرسەنت كېمەيگەن ۋە تايلاند بىلەن ۋېيتنام ئەپيۈنزارلىقلارنى بۇزۇپ تاشلىغان. لېكىن چېن سۈنيىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جوڭگونىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ئومۇمى كۈرەش ۋەزىيىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ كەتكىلى بولمايدىكەن.

خىتاينىڭ مەقسىتى باشقا

زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ شەھەرلەردىكى يېزا ئاققۇنلىرىنى نىشانغا ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن چېن سۈنيى، "زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ كۆپ قىسىمى ئافغانىستان ۋە ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك رايونىدىكى لائۇس، بېرما قاتارلىق دۆلەتلەردىن كىرمەكتە ۋە قارا گۇرۇھلار ئۆزىنى قوراللار بىلەن مۇداپىئە قىلماقتا،" دەيدۇ.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2005 - يىلى ئافغانىستاندىن كىرگەن ۋە شىنجاڭ، گۇئاڭدوڭ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن خېروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىلولار جوڭگو دائىرىلىرى تەرىپىدىن پاش قىلىندى. لېكىن چېن سۈنيىنىڭ بۇ ھەقتىدىكى باياناتىغا بەزى كۆزەتكۈچىلەر گۇمان بىلەن قارىماقتا.

چېن سۈنيىنىڭ مەلۇماتىنى ئىشەنچلىك دىگىلى بولمايدۇ، دەپ تەكىتلىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن باغلىماقچى، دەيدۇ. لېكىن چېن سۈنيىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بىر قانچە يىللار ئىلگىرى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يىلىغا ئالتۇن ھىلالئاي رايونى بىلەن مۇناسۋەتلىك 2 دىن 3 كىچە زەھەرلىك چېكىملىك دىلوسىنى پاش قىلغان بولسا، 2005 - يىلى 8 - 9 دىلونى پاش قىلغان. ئۇ، خىتاي بويىچە زەھەرلىك چېكىملىك خۇمارلىرىنىڭ 700 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى، 2005 - يىلى 298 مىڭ كىشىنىڭ مەجبۇرى داۋالانغان ۋە 70 مىڭ كىشىگە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.