ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلگەنلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە
2006.06.28
خىتاي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدا،زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىۋاتقان دېھقانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيگەن بولۇپ، تىزىمدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانىنىڭ 30% نى ئىگىلىگەن.
يېقىندا خىتاي دۆلەت زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش كومىتېتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانىنىڭ بىر مىليون 160 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ھەمدە يىللىق كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ 15 % تىن 20 % كىچە بولۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. رويترىس ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يېقىندا، خىتايدىكى زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىۋاتقان دېھقانلارنىڭ ئاساسەن شەھەرلەرگە كىرىپ مەدىكارچىلىق قىلىۋاتقانلار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ يۈننەن، خۇنەن ۋە كۈنمىڭ قاتارلىق جايلىرىدىكى دېھقانلار ئارىسىدا، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلارنىڭ سانى ئالاھىدە كۆپەيگەن. بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش مەركىزىدىكى بىر دوختۇر مۇنداق دېدى :
"زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغان دېھقانلار شىنجاڭدىمۇ بار. مەسىلەن،بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ داۋالىنىدىغانلار خىلى بار، ئۇلار بىر قېتىم ئەمەس، كۆپ قېتىم كېلىدۇ ھەمدە كۆپ ساندىكىسى يەنىلا ئۇيغۇرلار. مەن ئۆزەم تېخى ئۆتكەندە ماناستىن كەلگەن بىر دېھقاننى داۋالىدىم. ئىشقىلىپ مەن دېھقان بىمارلارغا كۆپ يولۇقىمەن. ئۇلارنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىگە قارىغاندا، كۆپ ساندىكىسى ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە دوست- بۇرادەرلىرىنىڭ تەسىرىدىن بۇ خىل يامان ئادەتنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالغان ئىكەن".
ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە داۋاملىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان نيۇيوركتىكى مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلار ئارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى بولۇپمۇ تۇرپان، ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى دېھقانلار ئارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە نېمە؟
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار
- خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق كىرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى يەكۇنىنىڭ ئاساسى قانچىلىك ؟
- ئۇيغۇرلاردا ئەيدىز ئاپەتكە ئايلانماقتا
- خەلقئارا تاماكا چەكمەسلىك كۈنى