زەھەرلىك چېكىملىك ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق خىتايغا يۆتكىلىۋاتامدۇ ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگىمۇ؟

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى زەھەرلىك چېكىملىككە زەربە بېرىشتە "ئالتۇن ھىلال ئاي " ئاتالغۇسىنى بەكرەك تەكىتلىمەكتە. خىتاي زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارىمۇ 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا "ئالتۇن ھىلال ئاي رايونىغا جايلاشقان ئافغانىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەپيۈن ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، زەھەرنىڭ ئۇ جاي ئارقىلىق خىتايغا توشۇلۇشىمۇ بارغانچە جىددىي مەسىلىگە ئايلانماقتا. خەلقئارادىكى چوڭ زەھەر ئەتكەسچىلىرى شىنجاڭنى تۈگۈن قىلىپ تۇرۇپ ئالتۇن ھالال ئايدىن يەنىمۇ كۆپلەپ زەھەر كىرگۈزۈشنى پىلانلىماقتا. بىز بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك" دەپ بىلدۈرگەن.

خىتاي: "زەھەرلىك چېكىملىك شىنجاڭدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلمەكتە"

بۇ بايانلار بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىتاينىڭ خەلقارا ئاۋانگارت يېتەكچىلىرى گېزىتى شىنلاڭ تورى قاتارلىق مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ماقالىلەردە تەكىتلەندى. مەزكۇر ماقالىلەردە "ئالتۇن ھىلال ئاي" رايونىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەشنىڭ يېڭى مەنبەسى بولۇپ قالغانلىقى، بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەر يۆتكەشنىڭ تۈگۈنى بولۇپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ماقالىدە "ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمدە جەنۇبى ئاسىيادىكى جەمئىي سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرىداش، شۇنداقلا 17 چېگرا ئېغىزى بار. ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ھەمدە غەربىي ئاسىيالارنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشىكى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ جاي خەلقارا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ خىتاي ئىچى ھەمدە ئۆز ‏- ئارا دۆلەت ھالقىپ زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش تورىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئەڭ ئەپلىك جاي دەپ قارالماقتا. نۆۋەتتە ئۇلار ‘ئالتۇن ھىلال ئايزەھەر بويۇملىرىنى ئۈرۈمچىنى تۈگۈن قىلغان ئاساستا گۇاڭجۇ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە يۆتكەپ، شىنجاڭنى ئالتۇن ھىلال ئاي زەھەرلىرىنىڭ تارقىتىش تۈگۈنىگە ئايلاندۇرماقچى. ئالتۇن ھىلال ئاي ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرگەن زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ بىر قىسمى شىنجاڭ ئىچىدە ئىستىمال قىلىنغاندىن سىرت، قالغىنى زەھەر يۆتكىگۈچىلەر تەرىپىدىن جۇڭگونىڭ ئىچكىي قىسمىغا يۆتكەلمەكتە" دېيىلگەن.

خىتاي: زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ يامرىشىغا ئۇيغۇرلار سەۋەبچى

شۇنداقلا ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ بايانىنى مىسالغا ئېلىپ " شىنجاڭلىقلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا، ھازىر جۇڭگونىڭ يۈننەن قاتارلىق جايلىرىدا زەھەر سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى نەچچە مىڭغا باردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئائىلە، جەمەت، گورۇھلار بويىچە زەھەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بار. 2000 - يىلىدىن 2005 - يىلى سىنتەبىرگىچە 13 ئۆلكە ھەم شەھەردە جەمئىي 6284 نەپەر زەھەر ئەتكەسچىلىرى قولغا چۈشتى "دېيىش ئارقىلىق زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ خىتايدا يامرىشىغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەمما، ئەكسىچە يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتىگە دائىر ئىگە بولغان ئۇچۇرلىرىمىز شۇنداقلا ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغىنىمىزدا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئاساسەن يۈننەن ئارقىلىق كىرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتياغا كىرىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك ئۇيغۇرلار ئارقىلىقمۇ؟

دەرۋەقە ئۇيغۇر ئېلى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى بىر قەدەر ئېغىر رايون شۇنداقلا ئالتۇن ھىلال ئاي ئاتالغان خەلقئارادىكى چوڭ زەھەر بازىسىغا چېگرا. ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا خىتاي ئۆلكىسىگە تارقالغان زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قولى ئارقىلىق كىرىۋاتقانلىقىنى ھۆكۈم قىلىشقا بولامدۇ؟

بىز بۇ قارمۇ ‏- قارشى يەكۈنلەرنىڭ قايسىسىنىڭ ئەمەلىيەتكە يېقىنلىقى، زادى زەھەرلىك چېكلىملىك ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلىۋاتامدۇ ياكى خىتاي ئۆلكىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىۋاتامدۇ دېگەن زىددىيەتلىك سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلاشتۇق.

ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن زەھەر چەككۈچىلەرنى تۇتۇشقا مەسئۇل بىر ئۇيغۇر ساقچى تېلېفوننى ئېلىپ بۇ ھەقتە بىزگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز يەنە ئافغانىستان چېگرىسىغا يېقىن قەشقەرگە قارايدىغان مەلۇم جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ زەھەر چەكلەش ساقچى ئەترىتى باشلىقى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. ئۇ كىشى ئالتۇن ھىلال ئايدىن كىرگەن زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق خىتايغا يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىۋاتقان زەھەرنىڭ مەنبەسىنىڭ يۈننەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىدىن ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىككە زەربە بېرىشتە نېمە ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زەھەرنىڭ كىرىشىنى قاتتىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللانماي، ئەكسىچە تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقىغا نارازى بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ خىتايغا تارقىلىش تۈگۈنى قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىدە سىياسىي غەرىزى بار دەپ مۇلاھىزە قىلىشماقتا. بۇ ھەقتە ئەتىكى پىروگراملىرىمىزدىن مەلۇماتلار ئاڭلىغايسىز. (گۈلچېھرە)