كۈنمىڭدا تۇتۇلغان 25 نەپەر زەھەر يۆتكىگۈچى ئايالنىڭ ھەممىسى كاپالەتكە قويۇپ بېرىلدى


2006.08.31

كۈنمىڭ ساقچى دائىرىلىرى-7ئاينىڭ 27سى يۈننەننىڭ ماڭ شەھرىدىن يولغا چىقىپ، كۈنمىڭغا قونغان شەرق ھاۋا يولى mu 5735 قېتىملىق ئايروپىلاننى تەكشۈرۈش جەريانىدا جەمئىي 30 ئادەمنى تۇتۇپ قالغان. بۇ ئوتتۇز ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر خىتايدىن باشقا ھەممىسى ئۇيغۇرلار بولۇپ 25 ى ، 21 ياشتىن 32 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر قىز ‏- ئاياللىرى ھەمدە يەنە تۆت نەپەر بالىمۇ بار ئىدى.

زەھەر يۆتكۈگۈچىلەر ھەممىسى ئانا ۋە بولغۇسى ئانىلار

ئاختۇرۇش جەريانىدا 25 نەپەر ئايالنىڭ ھەممىسىدىن زەھەرلىك چېكىملىك بايقالغان. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى، بۇلارنىڭ 19ى ئېغىر ئاياغ بولغاندىن سىرت ، قالغانلىرىمۇ بالىلىق ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار. ئۇلار يۆتكەپ ماڭغان زەھەرنىڭ ئومۇمىي مىقدارى5800 گرامغا يېتىدۇ. گەرچە بۇ زور كۆلەمدىكى زەھەر يۆتكەش دېلوسى ھېسابلانسىمۇ ، ئەمما خىتاي قانۇنىدا يەنە، ئېغىر ئاياغ ۋە بالا ئىمىتىۋاتقانلارغا ۋاقىتلىق مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ 25 نەپەر ئۇيغۇر زەھەرلىك چېكىملىك جىنايەتچىلىرىنىڭ دېلوسىنى ئېنىقلاش ھەمدە ئۇلارغا قانداق جازا كۆرۈش مەسىلىسى كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇۋاتقان مەسىلە بولۇپ كەلگەن ئىدى.

بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلار زەھەر ئەتكەستچىلىرىنىڭ زەھەر يۆتكەش قورالى

25 نەپەر زەھەر يۆتكىگۈچى ئۇيغۇر ئايال جىنايەتچىلەرھەققىدە يەنىمۇ يېڭى مەلۇماتلار ئېلىش ئۈچۈن كۈنمىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق. ئىسمىنى ھەمدە ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنى خالىمىغان بىر ساقچى بىزگە دېلونىڭ ئېنىقلىنىش جەريانىدا ناھايىتى چوڭ بۆسۈش بولغانلىقى ھەمدە ئاساسلىق جىنايەتچىلەرنى قولغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

"بۇ خىتاي ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە قولغا چۈشكەن زەھەر يۆتكەش جىنايەتچىلىرىنىڭ ئىچىدىكى نۇرگۈل ھۈسەننىڭ ئىقرار قىلىشىچە ، ئەركىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئۇنى ئىچكىرىدە پۇل تېپىش ئاسان دەپ ھاۋا يولى ئارقىلىق ئالداپ كۈنمىڭغا ئېلىپ كەلگەن. ئاندىن پويىزغا ئولتۇرۇپ ماڭ شەھىرىگە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ، بىر قېتىم زەھەر يۆتكەپ بەرسە 10مىڭ يۈەن پايدا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ، -27ئىيۇل كۈنى ئەركىن ئىسىملىك بۇ زەھەر ئەتكەسچىسى ئۇنىڭغا ئايروپىلان بىلەت ۋە 200 گىرام خىروئىننى بېرىپ بەدىنىگە يۇشۇرۇپ مېڭىشنى ئۆگەتكەن.

بۇ ساقچى بىزگە يەنە مەزكۇر دېلودا بۇ 25 نەپەر زەھەر يۆتكىگۈچى گەرچە ناھايىتى كۆپ مىقداردا زەھەر يۆتكىگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئاساسەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالدانغان ياكى مەجبۇرلانغان ھالدا زەھەر يۆتكىگەنلىكىنى ، ئەڭ چوڭ جىنايەتچىنىڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغانلىقىنى ئېيتتى . ئەمما مەزكۇر دېلونىڭ تەرەققىياتى ھەمدە بۇ جىنايەتچى ئاياللارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

قانۇن بويىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېپىلگە قويۇپ بېرىلدى

بىز يەنە كۈنمىڭ ساقچىلىرىغا ياردەملىشىپ مەزكۇر دېلونى پاش قىلىشقا قاتناشقان بىر ئۇيغۇر ساقچىدىن ئۇچۇر ئالدۇق. گەرچە بۇ ئۇيغۇر ساقچى دېلونىڭ پاش بولۇش نەتىجىسى ھەققىدە توختالمىغان بولسىمۇ ئەمما زور كۆلەمدە زەھەر يۆتكىگەن بۇ 25 نەپەر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ھەممىسىنىڭ كاپالەتكە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك رايونى ئاتالغان بېرما بىلەن خىتاي چېگرىسى بولغان يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ رۈيلى قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ زەھەرلىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپىيىپ قالغان بولۇپ،يۈننەندە بەش مىڭ ئەتراپىدا ، رۈيلىنىڭ ئۆزىدىلا 3000 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار بار ئىكەن. ئۇلار خروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانماقتا . ھەتتا ئۆزى بىلەنلا توختاپ قالماي ئاكا -ئۇكا ، ئاچا - سىڭىللىرىنى ھەتتا ئاتا ، ئانا، پەرزەنت ،خوتۇنلىرىنىمۇ تارتىپ كىرمەكتە ئىكەن.

قانۇن بويىچە 50 گىرامدىن ئارتۇق خروئىن توشۇسا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. يۈننەندە زەھەر تەكشۈرۈش‏- تۇتۇش تەدبىرلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل ، زەھەر ئېلىپ مېڭىش ئىنتايىن مۈشكۈل . ئەمما بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىن يوچۇق تاپقان. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا "ھامىلدار ئاياللار، بىر ياشقا توشمىغان بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان ئاياللار قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا سىرتقا كېپىللىككە بېرىشكە بولىدۇ . يەنە 14 ياشقا توشمىغانلار جازالانمايدۇ " دەپ بەلگىلەنگەن . شۇڭا رەزىل خروئىن ئەتكەسچىلىرى قانۇننىڭ دەل مۇشۇ يوچۇقىدىن بايدىلىنىپ پۇل تېپىش غەرىزىدە ھەتتا ئېغىر ئاياغ ئاياللار ياكى بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار ۋە بالىلارنى ئۆزلىرىنىڭ خىروئىن يۆتكەش قورالى، جىنايەت ۋاسىتىسى ھەمدە قۇربانىغا ئايلاندۇرماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.